سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ھورمۇز بوغۇزى 48 سائەت ئىچىدە ئېچىلمىسا، ئىران ئېنېرگىيە ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى يوقىتىۋېتىمىز
ئىران بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەگەر ئۇل ئەسلىھەلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، «ھېچقانداق چەكلىمىسىز» قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ترامپ: ھورمۇز بوغۇزى 48 سائەت ئىچىدە ئېچىلمىسا، ئىران ئېنېرگىيە ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى يوقىتىۋېتىمىز
ترامپ ئىرانغا دۈشەنبە كېچىگىچە مۆھلەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. سۈرەت: ئا پ. / AP

ئامېرىكا پىرىزېدېنتى دونالد ترامپ ئەگەر تېھران ھورمۇز بوغۇزىنى 48 سائەت ئىچىدە ئاچمىسا، ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى «يەر بىلەن يەكسان» قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

ترامپ شەنبە (2026-يىلى 21-مارت) كۈنى ئۆزىنىڭ «ھەقىقىي مېديا» (Truth Social) تاراتقۇ سۇپىسىدا مۇنداق دەپ يازدى: «ئەگەر ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى ھازىرقى ۋاقىتتىن باشلاپ 48 سائەت ئىچىدە، شەرتسىز ھالدا تولۇق ئاچمىسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى، جۈملىدىن ئەڭ چوڭ ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن باشلاپ بومباردىمان قىلىپ يوقىتىۋېتىدۇ.»

ئەمما ئۇ، «ئەڭ چوڭى» دېگەندە قايسى ئېلېكتر ئىستانسىسىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى ئېنىق تىلغا ئالمىدى.

ئۇ بۇ تەھدىتنى ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى كەچ سائەت 7:44 دە (گىرىنۋىچ ۋاقتى 23:44) ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ مۆھلەتنىڭ دۈشەنبە كۈنى كېچىگىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى جۈمە (20-مارت) كۈنى ئەگەر ئىراننىڭ ئۇل- ئەسلىھەلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئىراننىڭ «ھېچقانداق چەكلىمىسىز» (Zero restraint) جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ترامپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى پ ب س (PBS) تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان سۆزىدە، ئادەتتىكى پۇقرالارغا ئۇزۇن يىللىق زىيان ۋە «روھىي جاراھەت» ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، تېھراندىكى ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى بومباردىمان قىلىشتىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ قېتىمقى تەھدىت، ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدىكى كۆرۈنەرلىك كەسكىنلىشىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ھورمۇز بوغۇزى

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرال (2026) ئىرانغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغاندىن بۇيان، ئىران ئۆچ ئېلىش يۈزىسىدىن ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىۋەتكەن ئىدى.

نورمال ۋاقىتلاردا دۇنيادىكى خام نېفىت ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسمى مۇشۇ بوغۇز ئارقىلىق ئۆتىدۇ. بوغۇزنىڭ تاقىلىشى بۇ دېڭىز يولىغا تايىنىدىغان دۆلەتلەرنى جىددىي ھالدا باشقا يوللارنى ئىزدەشكە ۋە زاپاس يېقىلغۇلىرىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلدى.

پارس قولتۇقىدىن كېلىدىغان تەمىناتنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى پۈتكۈل دۇنيادا يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇرۇشنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئومۇميۈزلۈك پۇل پاخاللىقى خەۋپى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە تەھدىت سالماقتا.

ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ شەنبە (21-مارت) كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھورمۇز بوغۇزىدىكى نېفىت ۋە گاز توشۇشقا تەھدىت سېلىۋاتقان قورال-ياراغلار ساقلانغان ئىراننىڭ بىر يەر ئاستى ئىسكىلاتىنى (بۇنكېر) ۋەيران قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر بايانات، ۋاشىنگتون ئېنېرگىيە بازارلىرىنى ۋە مەسىلىگە سالماقلىق بىلەن قاراۋاتقان خەلقئارالىق ئىتتىپاقداشلىرىنى خاتىرجەم قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ ئانالىز قىلىندى.

 20 دىن ئارتۇق ئىتتىپاقداش دۆلەت بايانات ئېلان قىلىپ، ھورمۇز بوغۇزىنى قايتا ئېچىش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ