سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئۇكرائىنانىمۇ ئاگاھلاندۇردى
ترامپ تىنچلىق سۆھبىتى مەغلۇب بولسا، رۇسىيە بىلەن بىللە ئۇكرائىناغىمۇ ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ترامپ ئۇكرائىنانىمۇ ئاگاھلاندۇردى
ترامپ ئۇكرائىنانىمۇ ئاگاھلاندۇردى. سۈرەت: ئا پ. / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىر تەرەپتىن موسكۋا بىلەن كىيېۋنى بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشكە قىستاپ، غەربنىڭ جىددىيلىكنى پەسەيتىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادىي ئۇرۇش قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇكرائىنا تىنچلىققا قاراپ ماڭمىسا، رۇسىيە بىلەن بىرگە قاتتىق ئىمبارگوغا دۇچ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ترامپ سەيشەنبە كۈنى (26-ئاۋغۇست) ۋاشىنگتوندا، كىيېۋنىڭمۇ گۇناھسىز ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۆت يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئېغىر ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ناتو ئەزالىرىنىڭ كىيېۋغا بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن تۈزگەن قورال سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «زېلېنسكىيمۇ پۈتۈنلەي گۇناھسىز ئەمەس. ھازىر ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتىمەن، ئەمما ئۇكرائىناغا ئەمدى پۇل تۆلىمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىرىمىز بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ھەر ھەپتە ئاساسەن ياشلار ئۆلۈۋاتىدۇ. ئەگەر مەن رۇسىيە ياكى ئۇكرائىنا ۋە ياكى كىم بولسا بولسۇن، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان ناھايىتى كۈچلۈك تاموژنا بېجى سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ توسۇپ قالالىسام، شۇنداق قىلىمەن.»

ئۇ ئىلگىرىكى پىرېزىدېنت جو بايدىننى ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشقا كىرىشىگە يول قويغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھېچكىم يىڭىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۇرۇشقا كىرمەيدۇ. ئۇلار كىردى- مەن ئۇكرائىنانى <بىز غەلىبە قىلىمىز> دەپ كىرگەندۇ دەپ ئويلايمەن. بىز غەلىبە قىلىمىز دەيسىز، ئەمما ئۆزىڭىزدىن 15 ھەسسە چوڭ بىرەيلەننى يىڭىشىڭىز كېرەك. بايدىن بۇنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىقى كېرەك ئىدى.»

ئۇ موسكۋا ھەرىكەت قىلمىغان ئەھۋالدا يېڭى سودا چەكلىمىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان «ئىقتىسادىي ئۇرۇش» باشلايدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەھدىتىنى تەكرارلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىزنىڭ ئىقتىسادىي ئىمبارگولىرىمىز بار. مەن ئىقتىساد دەۋاتىمەن، چۈنكى بىز دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرمەيمىز.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Russia: Discussing Ukraine security guarantees without Moscow 'road to nowhere'

بىخەتەرلىك كاپالەتلىرى

پىرېزىدېنت ترامپ بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشكە قىستاپ كەلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ زېلېنسكىينىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلقلىرىنى ئېيتتى.  ترامپ بۇنى «بىھۇدە سۆز» ۋە مۇرەسسە قىلىشنى خالىمايدىغان رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ «قۇرۇق گېپى» دەپ رەت قىلدى.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇكرائىنا ئۈچۈن بىخەتەرلىك كاپالىتىنى تۈزۈش ئۈستىدە تىرىشماقتا.

«فاينەنشېل تايمېس گېزىتى» (Financial Times) نىڭ ياۋروپا ۋە ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، غەرب ئىتتىپاقداشلىرى ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، ئۇكرائىنانىڭ خەۋپسىزلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۈچ قاتلاملىق بىخەتەرلىك پىلانى تەييارلىماقتا ئىكەن.

بۇ تەدبىرلەر ھاۋا مۇداپىئە ياردىمى، ئىستىخبارات ئورتاقلىشىش ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەربىي قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump dismisses Russian doubts over Zelenskyy's legitimacy as 'posturing'

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى