سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋىتكوف كېلەر ھەپتە ئىچىدە ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئامېرىكا ئالاھىدە ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوف (Steve Witkoff) 15 ماددىلىق پىلاننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ۋە تېھراننىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتقانلىقىلرىنى بىلدۈرۈپ، بۇ پىلاننىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
ۋىتكوف كېلەر ھەپتە ئىچىدە ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ستېۋ ۋىتكوف يېقىنلىشىۋاتقان ئىران سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بولۇشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
2026-يىلى3-ئاينىڭ28-كۈنى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېھراننىڭ كېلىشىم تۈزۈشنى بەكمۇ خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئالاھىدە ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوف (Steve Witkoff) ئىراننىڭ ۋاشىنگتون بىلەن «كېلەر ھەپتە» سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ جۈمە (2026-يىلى 27-مارت) كۈنى پىرېزىدېنت ترامپنىڭمۇ سۆز قىلىشى پىلانلانغان مىيامىدىكى بىر سودا مۇنبىرىدە ئىران سۆھبىتىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «بىز كېلەر ھەپتە كۆرۈشۈشلەر بولىدۇ دەپ ئويلايمىز، بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە ئۈمىدۋارمىز» دېدى.

سودىگەرلىكتىن كەلگەن بۇ ئالاھىدە ئەلچى يەنە ئامېرىكانىڭ تىنچلىق پىلانىغا قارىتا تېھراننىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى قوشۇپ قويدى.

 ئۇ: «بىزدە 15 ماددىلىق پىلان بار، بىز ئىرانلىقلارنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز. بۇ ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ ترامپنىڭ «ئىران سەمىمىيىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن 10 دانە نېفىت پاراخوتىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلدى» دېگەن ئىسپاتلانمىغان سۆزىنى تەكرارلاپ: «پاراخوتلار ئۆتۈۋاتىدۇ، بۇ ناھايىتى ياخشى بېشارەت» دېدى.

ترامپ ئىرانغا قارىتا قاتتىق تەھدىتلەرنى سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېھراننىڭ يېقىنقى ھەپتىلەردە كېلىشىمگە قوشۇلۇشقا ۋە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇ مىيامىغا يېتىپ بارغاندا بۇ پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئۇ مۇخبىرلارغا: «ئىران مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇلار ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ ھالاك بولۇش گىرداۋىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار سۆزلىشىۋاتىدۇ، بىز ھازىر سۆزلىشىۋاتىمىز، ئۇلار كېلىشىم تۈزۈشنى بەكمۇ خالايدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Amid Iranian mistrust of US, JD Vance is taking forefront in bid to broker deal with Tehran

بىر قانچە ئاي ئەمەس، بىر نەچچە ھەپتە مەسىلىسى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ۋاشىنگتوننىڭ ئىرانغا قارشى قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى «ئايلار ئەمەس، بەلكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە» تاماملاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئامېرىكانىڭ قۇرۇقلۇق قوشۇنى ئەۋەتمەي تۇرۇپمۇ ئۆز نىشانىغا يېتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرال (2026) دىن باشلاپ ئىرانغا ھاۋادىن زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا، بۇ ھۇجۇملاردا ھازىرغىچە 1340 تىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

ئىران بولسا، ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي ئەسلىھەلىرى جايلاشقان ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن ئۆچ ئالدى. بۇ ھەرىكەتلەر ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە ئۇل-ئەسلىھە زىيانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە دۇنيا بازارلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە قاتناشلىرىنى قالايمىقانلاشتۇردى.

ئۇرۇش باشلانغاندىن بېرى ئاز دېگەندە 13 ئامېرىكا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇ ئۇرۇش ئېنېرگىيە باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى ۋە ھورمۇز بوغۇزى ئارقىلىق بولىدىغان دېڭىز تىرانسپورتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye moots potential meet with mediator Pakistan over Iran war
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىكى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئايرودۇرۇملىرى ۋە شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟