تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە، «خېلسىنكى ئاخىرقى ھۆججىتى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ي خ ھ ت)نى كەڭ دائىرىلىك رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدىكى ھالقىلىق ئامىل دەپ قارايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە، «خېلسىنكى ئاخىرقى ھۆججىتى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
/ AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ي خ ھ ت)نى كەڭ دائىرىلىك رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدىكى ھالقىلىق ئامىل دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تەشكىلاتنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە پائالىيەتلىرىنى ياخشىلاشقا دائىر تىرىشچانلىقلارنى پائال قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تۈركىيە، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ھۆججىتى ھېسابللىنىدىغان «خېلسىنكى ئاخىرقى ھۆججىتى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە قۇتۇپلار ئارىسىدىكى زىددىيەت ۋە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق يىغىنى جەريانىدا 1975-يىلى ئىمزالانغان ‹خېلسىنكى ئاخىرقى ھۆججىتى›، بۈگۈنگە قەدەر كۈچكە ئىگە بولغان ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى ئارقىلىق ياۋروپا-ئاتلانتىك ئوكيان ۋە ياۋرو-ئاسىيا جۇغراپىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايوندا دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ئۇلىنى سالغانىدى.»

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ «خېلسىنكى ئاخىرقى ھۆججىتى»نىڭ دەسلەپكى ئىمزالىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مۇساپىنى ئەڭ بېشىدىن تارتىپلا قوللاپ كەلگەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە مۇنۇلارمۇ قەيت قىلىندى: «تۈركىيە بۇ ئارقىلىق رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بولغان ساداقىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ياۋروپا خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسىنىڭ بەرپا بولۇشىغا پائال تۆھپە قوشتى.»

تۈركىيەنىڭ 1994-يىلى ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىققان يىغىن مۇساپىسىدىن بۇيان تەشكىلاتقا بولغان ساداقىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «تۈركىيە، سىياسىي-ھەربىي، ئىقتىساد-مۇھىت ۋە ئىنسانىي تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپلىق خەۋپسىزلىك چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلغان ۋە ئەڭ كەڭ رايونلۇق خەۋپسىزلىك مۇنبىرى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا داۋاملىق پائال تۆھپە قوشماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بايانات تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇلدى: «دۆلىتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك، پائال دىپلوماتىيە، دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان بۇ چۈشەنچىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ ھەمدە بۈگۈنكى بارلىق خىرىسلارغا قارىماي، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۇغراپىيەسىدە مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى