ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
يەرلىك دائىرىلەر: بىرما ئارمىيەسىنىڭ يېزىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 12 كىشى ئۆلدى
شاھىتلار بىر ئايروپىلان بومباردىمان قىلىش ئۈچۈن يېقىنلاشقاندا يوشۇرۇنۇشقا تىرىشقانلىقلىرىنى ئېيتماقتا.
00:00
يەرلىك دائىرىلەر: بىرما ئارمىيەسىنىڭ يېزىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 12 كىشى ئۆلدى
بىرما ئارمىيەسىنىڭ يېزىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 12 كىشى ئۆلدى / Reuters

بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان بىر يېزىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 12 كىشى ئۆلدى.

 يەرلىك بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتى پۇقرالار رايونلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

بىرما ئارمىيەسى 2021-يىلى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. بۇ ئەھۋال دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە  دۆلەتنى ئىچكى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى.

 ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەن بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتى پۇقرالارغا قارىتا ھاۋا ھۇجۇملىرىنى بارغانسېرى قويۇقلاشتۇرماقتا ئىكەن.

جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن قىلىنغان بومباردىمان دۆلەتنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ماندالاينىڭ 60 كىلومېتىر (40 مىل) شىمالىدىكى لېتپانلا كەنتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.

سىنگۇ يېزىسىدىكى بۇ كەنت ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى پۇقرالار ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇشىدىن كېيىن قوراللانغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى خەلق مۇداپىئە كۈچلىرى تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنماقتا.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەرلىك بىر ئەمەلدار شەنبە كۈنى مۇنداق دېدى:

«ئادەملەر توپلاشقان رايونلارغا بومبىلار تاشلانغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى. بۇ بومباردىمان دەل كىشىلەر بازارغا بارغان ۋاقتىدا يۈز بەردى.

ھازىر ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى تىزىملاۋاتىمىز. بۇ تىزىملىككە ئاساسلانغاندا ھازىرغىچە 12 كىشى ئۆلگەن.

ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى بىلەن ئالاقە قىلالمىدۇق. شۇڭا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى مۇستەقىل ھالدا جەزملەشتۈرەلمىدۇق. يەرلىك ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى خەلق مۇداپىئە كۈچلىرى تەرەپ 27 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.»

يىغا-زار ۋە نالە-پەرياد ئاۋازلىرى

62 ياشلىق گۇۋاھچى مىيىنت سوئې بىر ئايروپىلاننىڭ بومباردىمان قىلىش ئۈچۈن يېقىنلاشقاندا يوشۇرۇنۇشقا تىرىشقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«يوشۇرۇنغان ۋاقتىمدا قاتتىق پارتلاش ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدىم. سىرتقا چىققىنىمدا ۋە بازارغا قارىغىنىمدا ھەممە ياقنى ئوت يالقۇنى قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم.

كېيىنچە، ئۆيگە ئوخشايدىغان بىنالار ۋە بىر ئاشخانا ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالغان ئىدى، پۇقراچە كىيىنگەن ۋە ھەربىيچە كىيىنگەن ئادەملەر ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن سۇ تۆكۈۋاتاتتى.»

بېشى يېرىلىپ كەتكەن ۋە بېشىدىن قان تېمىپ تۇرغان بىر بالىنىڭ جەسىتى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى خەلق مۇداپىئە كۈچلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ئارقىسىغا يۈكلەندى.

توپلاشقان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئاسمانغا قاراۋاتقاندا يىغا-زار ۋە نالە-پەرياد ئاۋازلىرى ئاڭلىنىۋاتاتتى.

بىرما ھازىر ھەربىي ھۆكۈمەت كۈچلىرى، ئېتنىك قوراللىق گۇرۇپپىلار ۋە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تەرەپدارلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماقتا.

ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالار نىشان قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ سانى ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا يىلسېرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. پايدا ئىزدىمەيدىغان قوراللىق توقۇنۇش ئورنى ۋە ۋەقە مەلۇماتلىرى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2024-يىلى تەخمىنەن 800 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ رەقەم ئالدىنقى يىلنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىنمۇ كۆپ ئىدى.

پايدا ئىزدىمەيدىغان قوراللىق توقۇنۇش ئورنى ۋە ۋەقە مەلۇماتلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھەربىي ھۆكۈمەت كۈچلىرى جەڭ مەيدانىدا كۈچىيىۋاتقان ھەربىي بېسىم ئاستىدا ھاۋا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

ئارمىيە ئۆكتىچىلەرنى قىللىغۇچىلىرىدىن ئايرىش ۋە روھىنى سۇندۇرۇش مەقسىتىدە پۇقرالار كۆپ جايلاشقان رايونلارنىمۇ بومباردىمان قىلماقتا ئىكەن.

2023 - يىلنىڭ ئاخىرلىرى قوراللىق ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن تەشكىل تاپقان ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ھەربىي ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ نۇرغۇن زېمىنلارنى قولغا كىرگۈزدى.

ئەمما ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، رۇسىيەنىڭ تېخنولوگىيەلىك ياردىمى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرما ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى مۇداپىئەدە ئاساسلىقى چېگرا رايونلىرىدىكى رەقىبلىرىگە قارشى مۇھىم رول ئوينىماقتا ئىكەن.

نۆۋەتتە 3 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، ئاھالىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك نامراتچىلىق ئىچىدە ياشىماقتا ئىكەن.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى