خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
رۇسىيەنىڭ لېنىنگراد رايونىدىكى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكترونلۇق سودا ماگناتى «ۋايلدبېررىس» (Wildberries) نىڭ بىر ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپىتىدە ئۈچ كىشى يارىلاندى.
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
(ئارخىپ) لېنىنگراد ئوبلاستىدىكى Wildberries ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى

رۇسىيەنىڭ لېنىنگراد رايونىدىكى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكترونلۇق سودا ماگناتى «ۋايلدبېررىس» (Wildberries) نىڭ بىر ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپىتىدە ئۈچ كىشى يارىلاندى. شىركەت ھۇجۇمدىن كېيىن بەزى ئەشيا ئوبوروت (لوگىستىكا) مەركەزلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى ۋاقىتلىق توختاتتى.

لېنىنگراد ۋالىيسى ئالېكساندر دروزدېنكو يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ۋسېۋولويسك رايونىدىكى مەزكۇر ئامبارغا قىلىنغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئوت كەتكەنلىكىنى، يارىلانغان 3 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دروزدېنكو يەنە، بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ كىروۋ رايونىدىكى بىر ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق فىرمىسىنىڭ ئامبىرىغا چۈشكەنلىكىنى، بىنادا قىسمەن تالاپەت كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

يېقىنقى كۈنلەردە «ۋايلدبېررىس»نىڭ ئوخشىمىغان ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرى ئۇدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا.

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا