سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
لىۋان پىرېزىدېنتى ئەۋن: ھىزبۇللاھ قوراللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك
لىۋان پىرېزىدېنتى جوسېف ئەۋن سىياسىي گۇرۇپپىلارنى قوراللارنى دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىرغان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لىۋاننى كەلگۈسىدىكى قايتا قۇرۇشنى قوللىشى ئۈچۈن ھىزبۇللاھنى قورالسىزلاندۇرۇشقا مەجبۇرلىماقتا.
لىۋان پىرېزىدېنتى ئەۋن: ھىزبۇللاھ قوراللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك
/ Reuters

لىۋان پىرېزىدېنتى جوسېف ئەۋن لىۋاندىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قوراللىرىنى دەرھال تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پەيشەنبە كۈنىدىكى «ئارمىيە بايرىمى»نى تەبرىكلەش نۇتۇقىدا، پىرېزىدېنت ئەۋن بېيرۇتنىڭ  «لىۋان دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى قاپلىشى كېرەكلىكىنى، شۇڭا بارلىق قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ، بولۇپمۇ ھىزبۇللاھنىڭ قورال تاشلاپ، قوراللىرىنى لىۋان ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇشى»نى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنتنىڭ بۇ سۆزلىرى سەيشەنبە كۈنى چاقىرىلغان كابىنېت يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن «لىۋاندىكى قورال مونوپوللۇقى» ۋە «ھىزبۇللاھنى قورالسىزلاندۇرۇش» مەسىلىسىدىكى قىزغىن ئىچكى ۋە خەلقئارالىق مۇنازىرىلەردىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئەۋن: «بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى بۇ تارىخىي پۇرسەتنى قەتئىي غەنىيمەت بىلىپ، قورال-ياراغنىڭ پەقەت ئارمىيە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئىلكىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەشتۇر» دېدى.

«رويتېرز» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا لىۋان ھۆكۈمىتىدىن ھىزبۇللاھنى قورالسىزلاندۇرۇش توغرىسىدا رەسمىي كابىنېت قارارى چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە بۇ شەرت ئورۇندالمىغۇچە سۆھبەتنىڭ قايتا باشلانمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئامېرىكا ھىزبۇللاھ پۈتۈن لىۋان مىقياسىدا قورالسىزلاندۇرۇلغان تەقدىردە، قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئەۋن ۋاشىنگتونغا سۇنۇلىدىغان ۋە كېلەر ھەپتە كابىنېتتا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تەكلىپنامىنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا يۈرگۈزۈۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشىنى ۋە دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ھىزبۇللاھنىڭ قوراللىرىنى لىۋان ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئامېرىكانىڭ تەكلىپىدە يەنە، ئارمىيە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى قوللاش ئۈچۈن 10 يىلغىچە ھەر يىلى 1 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىش ۋە يىل ئاخىرىدا لىۋاننىڭ قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا مەدەت بېرىش مەقسىتىدە خەلقئارالىق يىغىن ئېچىش قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ بار.

ھىزبۇللاھ قورالسىزلاندۇرۇشنى رەت قىلىدۇ

ھىزبۇللاھ رەھبىرى شەيخ نائىم قاسىم چارشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، قورالسىزلاندۇرۇش چاقىرىقلىرىنىڭ پەقەت ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قاسىم بىر تېلېۋىزىيە نۇتۇقىدا : «قورال تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلار، ئەمەلىيەتتە بۇ قوراللارنىڭ ئىسرائىلىيەگە تاپشۇرۇلۇشىنى كۆزلەۋاتىدۇ... بىز ئىسرائىلىيەگە ھەرگىز تەسلىم بولمايمىز... قورالسىزلاندۇرۇش ھازىرقى ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ئەمەس؛ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ قايتا قۇرۇش ۋە تاجاۋۇزچىلىققا خاتىمە بېرىشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھىزبۇللا، ئۆتكەن يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانىدى. بۇ ئۇرۇش تەشكىلاتنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھاياتىدىن، مىڭلىغان ئەزالىرىنى جېنىدىن جۇدا قىلغان، شۇنداقلا ئون مىڭلىغان قوللىغۇچىسىنى خارابىگە ئايلانغان ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىغانىدى.

لىۋان ھىزبۇللاھنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان توقۇنۇشى ۋە 2019-يىلى پارتلىغان ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىگە ھېلىھەم بەرداشلىق بەرمەكتە.

دۇنيا بانكىسىنىڭ مارت ئېيىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، ھىزبۇللاھ-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن لىۋاننىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن كەم دېگەندە 11 مىليارد دوللار مەبلەغ كېرەك ئىكەن. دۇنيا بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، لىۋاندا پەقەت تۇرالغۇ ساھەسىنىڭلا زىيىنى 4.6 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە: گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپنىڭ قوراللىنىش پائالىيەتلىرى يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە
قىرىمدا جىددىي ۋەزىيەت: ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى
ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى: «ئۇرۇش داۋاملاشقان تەقدىردە، ئىران بارلىق سىنارىيەلەرگە تەييار»
چىلىدا تېجەش تەدبىرلىرىگە قارشى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى زوراۋانلىققا ئايلاندى، ئونلىغان ئادەم يارىلاندى
ترامپ: «تېھران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرمىگۈچە ئاشكارە ئۇرۇش توختىتىشنى ئاخىرلاشتۇرمايمەن»
ئىران ئۇرۇشى ياپونىيەدە پلاستىك خالتا كىرىزىسىنى قوزغىدى
ترامپ: ئىران بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن
FIFA سۇ شىشىلىرىنى مەنئى قىلدى
رۇبىيو: ترامپ تۈركىيەدە چاقىرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى