سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئەڭ يېڭى ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 38 گە يەتتى، يارىلانغانلار سانى بولسا 400 دىن ئاشتى.
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قاراتقان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
 

ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى شېھىت كەلانترى پورتىغا جايلاشقان دېڭىز كۆزىتىش مۇنارىنىڭ، ئامېرىكانىڭ ئەتىگەن تەرەپلەردە ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا نىشانغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرنا (IRNA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا چابەھەر شەھىرىدىكى شېھىت كەلانترى پورتىغا جايلاشقان دېڭىز كۆزىتىش مۇنارىنى بومباردىمان قىلغان.

ھۇجۇمدا مۇنار پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

ھۇجۇمدىن كېيىن تېخنىك ۋە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى رايونغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، زىياننى ئېنىقلاش، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ۋە پورت پائالىيەتلىرىنى قايتىدىن باشلاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىرنا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشلەر تاماملانغاندىن كېيىن ۋە بىخەتەرلىك شارائىتى مۇۋاپىق دەپ قارالغاندا، شېھىت كەلانترى پورتىدىكى يۈك قاچىلاش ۋە چۈشۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتىدىن باشلىنىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ 8-ئىيۇلدىن بۇيان ئىرانغا قاراتقان ئەڭ يېڭى ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 38 گە يەتكەنلىكىنى، يارىلانغانلار سانىنىڭ بولسا 400 دىن ئاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
رۇسىيە ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىشىنى «سەمىمىي بولۇش» شەرتىگە باغلىدى
مىكروسوفت يەر شارى خاراكتېرلىك تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن ئەپۇ سورىدى
گېرمانىيە ئۇكرائىناغا 200 مىليون ياۋرو قىشلىق ياردەم بېرىدۇ
رۇسىيەنىڭ ۋولگوگراد شەھىرىدە  يۈز بەرگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى
چېگرا ھالقىغان دوختۇرلار تەشكىلاتى ناسىر دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
ترامپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن كۇبا مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى
CENTCOM: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا ھۇجۇملىرى داۋاملىشىدۇ، دېگەن داۋاسى قۇرۇق پەرەز
ياۋروپا ئىتتىپاقى: بىزنىڭ خەۋپسىزلىكىمىز شۈبھىسىزكى ئۇكرائىنانىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى ئىرانغا قىلىنىدىغان يېڭى ھۇجۇملارغا تەييار تۇرۇشقا ئۈندىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنىسكىي دۇبلىندا كۆرۈشتى
ئامېرىكا ۋە خىتاي رۇسىيە سۆھبىتىدە يادرو قورالسىزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ئىلگىرىلەش ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق
ئەنگلىيەلىكلەر: ئىسىرائىلىيە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت
ئەبۇزەبى سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى
بىرلەشمە ئەرەب تىزىملىكى: «نېتانياھۇ تەلۋىلەرچە ھالەتتە، سۆزلىرى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق»
پورتۇگالىيەدىن ناتو باش كاتىپى رۇتتېنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى
Nvidia باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى تەقىب قىلغان ئايال تەيۋەنگە خوڭكوڭ پاسپورتى بىلەن كىرگەن
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى: ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۈنئىي ئەقىل خەۋپ-خەتەرلىرى بويىچە ھەمكارلىشىدۇ