باياناتقا ئاساسەن، كانادالىق يازغۇچى ئەن كارسون (Anne Carson) «كىلاسسىك ئەنئەنە بىلەن قىزىقارلىق دىيالوگ جەريانىدا، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۈچۈن يېڭى شەكىللەرنى ياراتقان جۈرئەتلىك ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان ئەسەرلىرى» سەۋەبىدىن بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن.
2025-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بولسا، «تەسىرلىك ۋە يىراقنى كۆرەر» ئەسەرلىرى ئۈچۈن 72 ياشلىق ۋېنگىرىيەلىك يازغۇچى ۋە سېنارىست لاسلو كراسناھوركايغا بېرىلگەنىدى.
ئەن كارسون كىم؟
1950-يىلى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە تۇغۇلغان كارسون شائىر، يازغۇچى، تەرجىمان ۋە ئاكادېمىك سۈپىتىدە تونۇلغان.
تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىنىمۇ شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئالغان كارسون، 1979-يىلىدىن بۇيان كانادا ۋە ئامېرىكادىكى ھەر قايسى ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىدا كىلاسسىك ئەدەبىيات، سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ۋە ئىجادىي يېزىقچىلىق بويىچە دەرس بەرگەن. بۇ ئورگانلار مەكگىل، مىچگان، نىيۇيورك ۋە پىرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرى ئىچىدە «ئاچچىق-چۈچۈك ئېروس»، «قىزىلنىڭ تەرجىمىھالى»، «بوش ۋاقىتلاردىكى ئەرلەر» ۋە «ئەرنىڭ گۈزەللىكى» قاتارلىقلار بار.
بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن ئەسەر ۋە تەرجىمىلىرى نەشر قىلىنغان كارسون كۆپلىگەن ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ئۇ كانادا ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن 2005-يىلى كانادا ئوردېنى بىلەن تەقدىرلەنگەن.
نوبېل مۇكاپاتلىرى ھەققىدە
شىۋېتسىيەلىك ئالفرېد نوبېلنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن 1900-يىلى 29-ئىيۇندا نوبېل فوندى قۇرۇلغان. فوندىنىڭ ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلغانلارغا بېرىدىغان مۇكاپاتلىرى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
نوبېل مۇكاپاتلىرى شىۋېتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىۋېتسىيە ئاكادېمىيەسى، كارولىنسكا ئىنستىتۇتى ۋە نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن فىزىكا، خىمىيە، ئەدەبىيات، تىنچلىق ۋە تىبابەتتىن ئىبارەت بەش ساھەدە ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دەپ قارالغان شەخس ياكى تەشكىلاتلارغا بېرىلىدۇ.
بۇلاردىن باشقا، شىۋېتسىيە مەركىزىي بانكىسى 1968-يىلى ئالفرېد نوبېل خاتىرىسىگە ئىقتىساد ساھەسىدىمۇ مۇكاپات تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان. نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى تۇنجى قېتىم 1969-يىلى بېرىلگەن.
نوبېل مۇكاپاتلىرى ھەر يىلى ئالفرېد نوبېلنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى — 10-دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا ساھىبلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ.
مۇكاپاتلار بېرىلىشكە باشلىغان 1901-يىلىدىن بۇيان، بەزى يىللاردا بىر قىسىم ساھەلەر بويىچە مۇكاپات بېرىلمىگەن. جەمئىي 49 قېتىم كۆرۈلگەن بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كۆپىنچىسى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ. كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن 2020-ۋە 2021-يىللىرىمۇ مۇكاپات مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلمىگەن.


















