سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ۋە بىر دېھقانچىلىق قۇرۇلۇشىنى ۋەيران قىلدى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى زېمىنلاردا ۋەيران قىلىش ھەرىكەتلىرى كۆپىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى راماللاھ ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ بىنالارنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.
ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ۋە بىر دېھقانچىلىق قۇرۇلۇشىنى ۋەيران قىلدى
ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ۋە بىر دېھقانچىلىق قۇرۇلۇشىنى ۋەيران قىلدى / AP

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى سەيشەنبە كۈنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى راماللاھ شەھىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بەيت لىقىيا يېزىسىدا ئۈچ ئۆي ۋە بىر دېھقانچىلىق قۇرۇلۇشىنى ۋەيران قىلغان بولۇپ، ۋەيران قىلىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە ئىكەن.

شاھىتلارنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېزىغا  توپا تۈرتۈش ماشىنىلىرى بىلەن بېسىپ كىرىپ، «رۇخسەتسىز سېلىنغان» دېگەننى باھانە قىلىپ بىنالارنى چېقىۋەتكەن.

پەلەستىن زېمىنلىرىدا رامىزاننىڭ يەتتىنچى كۈنى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، ئىسرائىلىيەنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ئېيىنىڭ ئەھمىيىتىگە سەل قارىغانلىقىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئىسرائىلىيە ئادەتتە قۇرۇلۇش رۇخسىتىنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى باھانە قىلىپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ بەزى رايونلىرىدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى چېقىپ تاشلىماقتا ئىكەن.

رەسمىي ئورگان بولغان پەلەستىن تام ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە يانۋار ئېيىدا 59 قېتىملىق ۋەيران قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا 77 سى ئولتۇراقلىشىش ھالىتىدىكى جەمئىي 126 پەلەستىن قۇرۇلۇشى زىيانغا ئۇچرىغان. دائىرىلەر يەنە كۆپىنچىسى ئەلخەلىل ۋىلايىتىدە بولۇپ، جەمئىي 40 ۋەيران قىلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا غەززەگە قوزغىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى بىلەن بىرلىكتە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يامراپ كەتتى. پەلەستىننىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 1116 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن، تەخمىنەن 11 مىڭ 500 كىشى يارىلانغان ۋە 22 مىڭغا يېقىن كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

2024-يىلى ئىيۇل ئېيىدىكى ھالقىلىق بىر قاراردا، خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنكىرىدىكى ئىشغالىيىتىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلدى ھەمدە ئىسرائىلىيەدىن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستىكى بارلىق كۆچمەنلەر رايونلىرىنى بوشىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»
ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپىتى چىقىرىش ئۈچۈن مۆشۈكلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى
پەسىللىك يامغۇر ھىندىستانغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. 50 كىشى ئۆلۈپ، 700 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى