تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا
تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دۆلەت ئىچى-سىرتىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا.
تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا / TRT Global
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدا 4، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 5 بولۇپ، جەمئىي 9 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:
« تېررورىزمنى ئۆز مەنبەسىدە ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان، ئادەتتىن تاشقىرى، تېز ۋە ئۈزلۈكسىز شەكىلدە قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرىمىز.»