سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا سوتنىڭ ھۆكمىگە پىسەنت قىلماي، ئاسىيالىق كۆچمەنلەرنى جەنۇبىي سۇدانغا چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى
ترامپ ھۆكۈمىتى سوتنىڭ ھۆكمىگە پىسەنت قىلماي، ئاسىيالىق كۆچمەنلەرنى جەنۇبىي سۇدانغا چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى
ئامېرىكا سوتنىڭ ھۆكمىگە پىسەنت قىلماي، ئاسىيالىق كۆچمەنلەرنى جەنۇبىي سۇدانغا چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى
/ Reuters

ئادۋوكاتلار، ئەسلى مىيانماردىن ۋە ۋيېتنامدىن كەلگەن ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشتىن ۋەيران بولغان بىر ئافرىقا دۆلىتىگە ئالدىن ئۇقتۇرۇلمايلا ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ھەمدە بۇنىڭ فېدېراتسىيە قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى، ئامېرىكادىكى كۆچمەنلەرنى نازارەت قىلىش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئاسىيالىق كۆچمەننىڭ، قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن فېدېراتسىيە سوتىنىڭ ھۆكمىگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش دەپ قارالغان بىر شەكىلدە جەنۇبىي سۇدانغا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرى مىيانمارلىق، يەنە بىرى ۋىيېتناملىق بولۇپ، ئۇلار تېكساس ئىشتاتىدا كۆچمەنلىك سوتىنى كۈتۈۋاتقاندا، ئادۋوكاتلىرى ئۇلارنىڭ جەنۇبىي سۇدانغا بارىدىغان 10 دەك كىشى بىلەن بىرلىكتە ئايروپىلانغا چىقىرىلغانلىقى ھەققىدە تۇيۇقسىز ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان.

ئادۋوكات ژاكلىن بىروۋن، دېلو ۋەكىلىنىڭئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىجرا قىلىش ئىدارىسى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن غايىب بولغاندىن كېيىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى دەلىللىدى. بىر نازارەتچى خادىم ئېلخەت ئارقىلىق چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ئىشىنىڭ «بۈگۈن ئەتىگەن» ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى، ھەمدە يېتىپ بارىدىغان مەنزىلىنىڭ جەنۇبىي سۇدان، دەپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

بىروۋن: «بۇ، مۇۋاپىق ئۇقتۇرۇش ياكى قانۇنىي رەسمىيەت بولماي تۇرۇپ، ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى چەكلەيدىغان فېدېراتسىيە قارارىغا خىلاپ» دېدى.

بۇ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتى، بوستوندىكى بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ، كۆچمەنلەرنى قىيىن-قىستاق ياكى زۇلۇمغا ئۇچراش خەۋپىنى مۇھاكىمە قىلىش پۇرسىتى بەرمەستىن، بولۇپمۇ جەنۇبىي سۇداندەك ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى يۈز بېرىۋاتقان جايلارغا ئەۋەتىلىشىنى توسىدىغان جىددىي ھالەت قارارىغا خىلاپتەك قىلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى