تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ئوتتۇرا شەرقتىكى زوراۋانلىق دەۋرىيلىكىنى «دەرھال» ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسانى نىشان قىلغان ئىغۋاگەرچىلىكلىرىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋال» دەپ سۈپەتلىدى.
ئەردوغان ئوتتۇرا شەرقتىكى زوراۋانلىق دەۋرىيلىكىنى «دەرھال» ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئەردوغان ئوتتۇرا شەرقتىكى زوراۋانلىق دەۋرىيلىكىنى «دەرھال» ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى / AA

 جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى پىرابوۋو سۇبيانتو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى پىرابوۋو سۇبيانتو بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلارنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار بىلەن باشلىنىپ، پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە يېيىلغان زوراۋانلىق دەۋرىيلىكىگە دەرھال خاتىمە بېرىلىشى كېرەك» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسانى نىشان قىلغان ئىغۋاگەرچىلىكلىرىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋال» دەپ سۈپەتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىسلامنىڭ تۇنجى قىبلىسىگە كىرىشنى توسۇپ، كەلگۈسىنى تەھدىت ئاستىغا ئالغان ئىسرائىلىيەگە قارىتا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقى ئىنتايىن مۇھىم.»

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردىن باشقا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك رايونلۇق ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئەندىشەسى

ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن قايتۇرما ھۇجۇملارنىڭ پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە يېيىلىشى بىلەن ئوتتۇرا شەرق ئومۇمىي يۈزلىنىشىدە جىددىيچىلىك تېز سۈرئەتتە ئەۋج ئېلىپ كەتتى ۋە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك رايونلۇق توقۇنۇش ئېھتىماللىقى كۈچەيدى.

تۈركىيە دىپلوماتىيەگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان بىر ئاكتىيور سۈپىتىدە بارلىق تەرەپلەرگە ئىغۋاگەرچىلىكتىن ساقلىنىش چاقىرىقىنى تەكرارلىدى ھەمدە بۇ خىل توقۇنۇشلارنىڭ رايونلۇق مۇقىملىق ۋە خەلقئارالىق خەۋپسىزلىك جەھەتتىن تۇغدۇرىدىغان خەتەرلىرىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئەنقەرە يەنە، بولۇپمۇ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان دىنىي ۋە مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان ۋە ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس جايلاردىن بىرى بولغان مەسجىدى ئەقسانىڭ سالاھىيىتى، مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر بىر مەسىلە بولۇپ قېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى