تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىراق ھۆرمۈز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى بىلەن نېفىت ئېكسپورتى ئۈچۈن كەركۈك-تۈركىيە تۇرۇبا يولىغا يۈزلەنمەكتە
باغداد دائىرىلىرى پارىس قولتۇقى رايونىدىكى توقۇنۇشلار دۇنيادىكى ئەڭ ھالقىلىق نېفىت ئۆتكىلىنىڭ بىرى بولغان ھۆرمۈز بوغۇزىدىكى تىرانسپورت ئىشلىرىغا توسالغۇ بولغانلىقى سەۋەبلىك، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتماقتا ۋە يېڭى ئېكسپورت لىنىيەلىرىنى ئىزدەنمەكتە
ئىراق ھۆرمۈز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى بىلەن نېفىت ئېكسپورتى ئۈچۈن كەركۈك-تۈركىيە تۇرۇبا يولىغا يۈزلەنمەكتە
ئىراق ھۆرمۈز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى بىلەن نېفىت ئېكسپورتى ئۈچۈن كەركۈك-تۈركىيە تۇرۇبا يولىغا يۈزلەنمەكتە / Reuters

ھۆرمۈز بوغۇزىنىڭ تاقىلىپ نېفىت توشۇش ئىشلىرىنىڭ توختاپ قېلىشىدىن كېيىن، ئىراق خام نېفىت ئېكسپورتى ئۈچۈن باشقا تاللاش يوللىرىنى تەييارلىماقتا. مەسئۇللار كەركۈك-جەيھان نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق تۈركىيەگە نېفىت ئېكسپورت قىلىشنىڭ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە نېفىت مىنىستىرى ھەييان ئابدۇلغانى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، باغدادنىڭ رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۈزۈلۈشلەردىن كېيىن، ئېكسپورت ئىقتىدارىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇلغانى ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا، ئىراقنىڭ ئوپېك (OPEC) نورمىسى دائىرىسىدە كۈنىگە تەخمىنەن 4.4 مىليون ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 3.4 مىليون ۋارىل ئەتراپىدا نېفىتنىڭ ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئېكسپورتنىڭ زور بىر قىسمى بەسرە نېفىت تېرمىنالىغا ئوخشاش جەنۇبتىكى ئەسلىھەلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىراق، قولتۇقنىڭ ئېنېرگىيە تىرانسپورتىنىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە دېڭىز يولى بولغان ھۆرمۈز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى، ئىراقنى ئېكسپورتنى توختىتىشقا ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى شىددەت بىلەن قىسقارتىشقا مەجبۇرلىدى.

مىنىستىر: «نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ھازىر ئىچكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كۈنىگە تەخمىنەن 1.5 مىليوندىن 1.6 مىليون ۋارىلغىچە تۆۋەنلىتىلدى» دېدى. ئۇ يەنە نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ بېنزىن، دىزېل، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز (LPG) ۋە باشقا يېقىلغۇلار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تولۇق سىغىم بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جىددىي ئەھۋال زاپاسلىرىنىڭمۇ ساقلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Oil prices continue soaring as Hormuz closure threatens global energy collapse

يېڭى ئېكسپورت يوللىرى ئىزدەنمەكتە

باغداد ھۆكۈمىتى نېفىتنىڭ دۇنيا بازارلىرىغا ئېقىشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھازىر بىر قانچە خىل تاللاش لىنىيەلىرىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە.

ئابدۇلغانى نېفىتنىڭ پات يېقىندا كەركۈك تۇرۇبا يولى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئاق دېڭىز قىرغىقىدىكى جەيھان پورتىغا توشۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. مەزكۇر تۇرۇبا يولى كۈنىگە 200 مىڭدىن 250 مىڭ ۋارىلغىچە نېفىت توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.

تۇرۇبا يولىدىكى سىناق ۋە رېمونت قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسەن تاماملانغانلىقى، تەخمىنەن 100 كىلومېتىرلىق بىر بۆلەكتە داۋاملىشىۋاتقان سۇ بېسىمى سىنىقىنىڭ بولسا بىر ھەپتە ئىچىدە ئاخىرلىشىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تۇرۇبا يولى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندە، خام نېفىت بىۋاسىتە كەركۈك نېفىتلىكلىرىدىن تۇرۇبا يولىغا بېرىلىدۇ ۋە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارنى بېسىپ ئۆتمەستىن تۈركىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ.

ئىراق يەنە نېفىتنى سۈرىيەدىكى بانىياس پورتى ئارقىلىق توشۇش ۋە ئىيوردانىيەدىكى ئەقەبەگە تۇتىشىدىغان تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىشقا ئوخشاش قوشۇمچە تاللاشلارنىمۇ كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

بۇ تەييارلىقلار پارىس قولتۇقىدىكى توقۇنۇشنىڭ دۇنيا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كۆرسىتىدىغان ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئىراق، رايوننىڭ ئاساسلىق دېڭىز قاتناش كارىدورى تاقالغان مەزگىلدە، ئېكسپورتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يېڭى يوللارنى ئىزدەنمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump says NATO faces 'very bad future' if US allies don't help with war on Iran
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى