خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئافغانىستان: پاكىستاننىڭ ئەڭ يېڭى ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 400 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ھەمدۇللاھ فىترەت كابۇلدىكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، تالاپەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئافغانىستان: پاكىستاننىڭ ئەڭ يېڭى ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 400 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئافغانىستان-پاكىستان مۇناسىۋىتى ئۆتكەن ئاي چېگرا جىددىيلىكى كۈچىيىپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن ناچارلاشتى. / Reuters
2026-يىلى3-ئاينىڭ17-كۈنى

ئافغانىستان دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ پايتەخت كابۇلدىكى بىر زەھەر تاشلاتقۇزۇش مەركىزىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 400 كىشى قازا قىلغان. ھەمدۇللاھ فىترەت X سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈن كەچ شۇ جاي ۋاقتى سائەت 21:00 ئەتراپىدا، 2000 كارىۋاتقانلىق «ئۈمىد» زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنى داۋالاش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

فىترەت ھۇجۇم نەتىجىسىدە دوختۇرخانىنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ۋە تالاپەتنىڭ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇشىدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. تەخمىنەن 250 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلغان مۇئاۋىن باياناتچى قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ھازىر ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى كابۇلدا ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر تارقالغان بولۇپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى پاكىستاننى دۆلەتنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش ۋە مەزكۇر داۋالاش مەركىزىنى بومباردىمان قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. ئىسلامئاباد دائىرىلىرى بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى. ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن زامان ئىسىملىك بىر شاھىت: «بىز يارىلانغانلارنى ۋە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنى ئىزدەۋاتىمىز» دېدى.

«يالغان دەۋا»

پاكىستان ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرلىقى كابۇلنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ بايانات ئېلان قىلدى. ئىسلامئاباد تەرەپ كابۇل ۋە نانگارھار ۋىلايەتلىرىدە بىگۇناھ پۇقرالارنى ئەمەس، بەلكى پاكىستانغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئافغانىستان تالىبانلىرى ۋە «پىتنە ئەلخاۋارىج»نىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا، تېررورلۇقنى قوللاش ئۇل ئەسلىھەلىرىگە، تېخنىكىلىق ئۈسكۈنە ۋە ئوق-دورا ئامبارلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

پاكىستان تەرەپنىڭ باياناتىدا يەنە: «ھۇجۇمدىن كېيىن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىشلەتكەن ئامباردىكى ئوق-دورىلارنىڭ پارتلىشىمۇ كابۇلنىڭ بۇ يالغان دەۋاسىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى..

ئافغانىستان ھۆكۈمەت باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد بولسا، پاكىستاننىڭ بۇ قىلمىشىنى «بارلىق ئېتىراپ قىلىنغان پىرىنسىپلارغا خىلاپ ھەرىكەت ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلىدى.

ئۆتكەن ئايدا چېگرا جىددىيچىلىكىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ يامانلاشقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال نۇرغۇن تالاپەت ۋە ماددىي زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان يۈز بەرگەن چېگرا ھالقىغان توقۇنۇشلاردا ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 107 كىشى قازا قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە پاكىستان تەرەپتىن 13 ئەسكەر ۋە 5 پۇقرا بار بولۇپ، بىر ئەسكەر يوقاپ كەتكەن.

كابۇل دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان تەرەپتىن 13 ئەسكەر ۋە 76 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان. مەزكۇر سان ئىچىدە دائىرىلەر دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يېڭى تالاپەتلەر تېخى يوق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 26-فېۋرالدىن 5-مارتقىچە ئافغانىستاندا ۋاسىتىلىك ئوق چىقىرىش ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن جەمئىي 185 پۇقرانىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 56 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى مەلۇم قىلىنغانىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىلدىكى ساختا ئۇچۇرلارغا يېڭى سانلىق مەلۇمات ھەرىكىتى ئارقىلىق تاقابىل تۇرماقتا
ئافغانىستان غەززەگە 500 توننىدىن ئارتۇق ياردەم ئەۋەتتى
ۋىيېتنام خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلىماقتا
تۈركىيە ئىرانغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاننىڭ توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە سۆھبەت باشلاتتى
ترامپ ئىران ئۇرۇشىنىڭ «ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
روھىڭگيا ۋە بېنگاللىقلارنى توشۇۋاتقان كېمە چۆكۈپ كەتتى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس
10 دۆلەت لىۋاندىكى ھۇجۇملارنىڭ «دەرھال ئاخىرلىشىشى» نى تەلەپ قىلدى
ترامپ ئىران مەسىلىسىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى سىگنالى بەردى؛ ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلماسلىقى مۇمكىن
شەرىف ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن رىياد، دوھا ۋە ئەنقەرە زىيارىتىنى باشلايدۇ
ماكرون ترامپ بىلەن پەزەشكىياننى تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا چاقىردى
25 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتتى؛ ئامېرىكانىڭ قامالىغا قارىماي دېڭىز قاتنىشى داۋاملاشماقتا
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
مېلونى: ئىتالىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى