ئىقتىساد
3 مىنۇت ئوقۇش
ھورمۇز كىرىزىسى: ئەربىل بىلەن باغداد تۈركىيە ئارقىلىق نېفىت ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى يەر شارى ئېنېرگىيە بازارلىرىدا نېفىت باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر پەيتتە، ئەربىل بىلەن باغداد شىمالدىكى نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق ئېكسپورتنى قايتا باشلاش توغرىسىدا كېلىشتى.
ھورمۇز كىرىزىسى: ئەربىل بىلەن باغداد تۈركىيە ئارقىلىق نېفىت ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئارخىپ فوتو: تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىز پورتى جەيھاندىكى نېفىت باكىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسى، ئادانادىن تەخمىنەن 70 كىلومېتىر يىراقلىقتا. / Reuters

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، رايون ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ جەيھان پورتىغا نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى قايتا باشلاش مەسىلىسىدە باغداد بىلەن كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى مەسرۇر بارزانى X سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رايوننىڭ «دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان پەۋقۇلئاددە قىيىن ئۆتكەلنى يېڭىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ھەممە ئورتاقلىشىدىغان مەسئۇلىيەت» سەۋەبىدىن، نېفىتنىڭ تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق «ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە» قايتا توشۇلۇشىغا يول قويۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراق خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق نېفىت مىنىستىرى ھەييان ئابدۇلغەنى تۈركىيەنىڭ جەيھان پورتى ئارقىلىق خام نېفىت ئېكسپورتىنىڭ چارشەنبە كۈنى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 10:00 دا قايتا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىراق نېفىت مىنىستىرلىقى رايون خاراكتېرلىك كىرىزىس ۋە ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن جەنۇبتىكى ئېكسپورت يوللىرىدا كۆرۈلگەن توسالغۇلارغا قارىماي، شىمالىي تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق ئېكسپورتنى قايتا باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق جەنۇبتىكى نېفىت توختاپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي تالاپەتنى قىسمەن بولسىمۇ تولۇقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

باش مىنىستىر مەسرۇر بارزانى باياناتىدا يەنە، ئىمپورت ۋە سودا چەكلىمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەمدە نېفىت-تەبىئىي گاز شىركەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن كورد رايونىغا كاپالەت بېرىش مەسىلىسىدە باغداتتىكى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنىڭ «جىددىي» داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، بۇ جەرياننى ئاسانلاشتۇرۇشتىكى رولى ۋە قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.

بۇ تەرەققىيات ئىران ئىسلام ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى 28-فېۋرال باشلانغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن، يەر شارى ئېنېرگىيە ئەندىشەلىرى كۈچەيگەن بىر پەيتكە توغرا كەلدى. سۈركىلىشتىن ئىلگىرى بوغۇزدىن كۈنىگە تەخمىنەن 20 مىليون ۋارىل نېفىت ئۆتەتتى.

ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ۋە سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى توم بارراك كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەربىل ۋە باغدادقا رەھمەت ئېيتىپ، X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: «ئېنېرگىيە ئېكسپورتىنى قايتا باشلاش ۋە رايوننىڭ پاراۋانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ھالقىلىق پەيتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن ئەربىل ۋە باغدادقا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مەسرۇر بارزانى توم بارراك بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، رايون ۋە يېقىن شەرقنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان. بارراك ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئىرادىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

بارزانى سۆھبەت جەريانىدا، كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى سۆھبەت ئۆمىكىگە «پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان» شەكىلدە ئېكسپورتنى قايتا باشلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىش ھەققىدە يۆنىلىش بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكادىن بولۇپمۇ تاموژنا ۋە سودا چەكلىمىلىرى مەسىلىسىدە كۆزەتكۈچى ۋە قوللىغۇچىلىق رولىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئىران 28-فېۋرال ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆزىگە قاراتقان بىرلەشمە ھۇجۇمىدىن كېيىن، 1-مارتتىن باشلاپ ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىۋەتكەنىدى. بۇ ھۇجۇملاردا ھازىرغىچە ئارىسىدا دىنىي رەھبەر ئەلى خامەنېينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 1300 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئىران بۇ ھۇجۇملارغا جاۋابەن ئىسرائىلىيەدىن باشقا يەنە ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تۇرۇشلۇق ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگىمۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى