تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن دائىمىي ۋەكىلى ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەتتۇر» دېدى.
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا (ب د ت) تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن دائىمىي ۋەكىلى ئەسلى گۈۋەن، يېقىن شەرقتىكى «مۇقىملىقسىز» يۈزلىنىشنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، رايون تىنچلىقىنىڭ تەمىنلىنىشىنىڭ «يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت» ئىكەنلىكى تەرەپكە ئىشارەت قىلدى.

ئەسلى گۈۋەن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ  «خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش» كۈنتەرتىپ ماددىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يېقىن شەرقتە سىياسىي چارىلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى: مۇستەھكەم بىر تىنچلىق ئۈچۈن ۋاسىتچىلىق ۋە سۆھبەت» تېمىلىق ئوچۇق مۇنازىرە يىغىنىدا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەسلى گۈۋەن: «بۈگۈنكى كۈندە رايونىمىز، يېقىنقى تارىخنىڭ ئەڭ مۇقىملىقسىز دەۋرلىرىنىڭ بىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. غەززەدە مىليونلىغان ئىنسان بىخەتەرلىكتىن مەھرۇم ۋە نامەلۇملۇق شارائىتلىرى ئاستىدا ئۆز ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا» دېيىش بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي «ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىگە پىسەنت قىلماسلىقنى» يەنىلا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەسلى گۈۋەن يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ «غەربىي قىرغاقتىكى ئىشغالىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قەستەنلىك بىلەن بەرباد قىلىدىغان» ناچار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىنىڭ، سۈرىيە ۋە لىۋاندىكى «مۇقىملىقنى بۇزىدىغان قىلمىشلىرى» نىمۇ مەنبە كۆرسەتكەن ئەسلى گۈۋەن: «پارىس قولتۇقى مىقىياسىدىكى ئومۇمىي ئەكىس سادالىرى بىلەن بىرگە يۈز بەرگەن ئاخىرقى توقۇنۇشلار، رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىكلەرنىڭ نەقەدەر تېز ئەۋج ئېلىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى، ھاياتلارنى خەۋپ ئاستىغا ئىتتىرىپ، يەر شارى بازارلىرىنى ئاستى-ئۈستۈن قىلىش ئارقىلىق رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق بىخەتەرلىككە تەھدىت سالالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قتىم ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.

گۈۋەن، رايوننىڭ ئىنتايىن كۆپ ساندىكى كىرىزىس ۋە توقۇنۇشلار بىلەن قورشالغان بىر دەۋرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «يېقىن شەرقتە تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ھەمكارلىقنى ئالغا ئىلگىرىلىتىش پەقەت رايون خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەتلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەسئۇلىيەتتۇر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

«تۈركىيە بارلىق ۋاستىچىلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاشقا تەييار»

تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن دائىمىي ۋەكىلى ئەسلى گۈۋەن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان خىزمەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «تۈركىيە غەززەدىن ئۇكرائىناغىچە، ئافرىقا مۇئۇز كىرىزىسىدىن (ئافرىقا مۈڭگۈزىدىن) باشقا كەڭ ساھەلەرگىچە بولغان ھەر بىر تارماقتا قۇرغۇچى تەسىرگە ۋە ئەمەلىي دىپلوماتىيەگە بولغان ساداقىتىنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى.

غەززەدىكى ۋاستىچىلىق خىزمەتلىرىگە قوشۇمچە قىلىنغان ھالدا، تۈركىيەنىڭ بۇ مەزمۇندا ئىران بىلەن «سۆھبەتنى ئاسانلاشتۇرۇشنى نىشانلىغان تەشەببۇسلارنىمۇ» ئاكتىپ شەكىلدە قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن گۈۋەن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ رايوندىكى توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بارلىق ۋاستىچىلىق تىرىشچانلىقلىرىنى تولۇق قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى جەزملەشتۈردى.

گۈۋەن ئۆز باھالىشىنىڭ ئاخىرىدا: «ئىنسان ھاياتىنى، شەرىپىنى ۋە خەلقئارا تىنچلىق بىلەن بىخەتەرلىكنى قوغداش غايىسى بىلەن قوبۇل قىلىنغان قائىدىلەرگە سەل قارالسا، ھېچقانداق سىياسىي مۇساپە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. بىخەتەرلىك كېڭىشى بۇ مەسىلىدە ئالاھىدە بىر مەسئۇلىيەت يۈكلىمەكتە» دېدى.

 

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى