تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئورتاق چۈشىنىش» ھۆججىتىگە ئىنكاس قايتۇردى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئورتاق چۈشىنىش» ھۆججىتىگە ئىنكاس قايتۇردىتۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى: «تۈركىيەنىڭ نامزاتلىق سالاھىيىتىگە سەل قارىغان بۇ ھۆججەت، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۆلىتىمىز بىلەن ئورتاق پارلاق ئىستىقبال يارىتىش بويىچە يېتەرسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا» دېدى.
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئورتاق چۈشىنىش» ھۆججىتىگە ئىنكاس قايتۇردى

ئۆنجۈ كەچەلى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن 2026-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان «ئورتاق چۈشىنىش» ھۆججىتىدىكى تۈركىيەگە قارىتىلغان ئىبارىلەر ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

كەچەلى مەزكۇر ھۆججەتتىكى تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك بايانلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئادالەتلىك پوزىتسىيەدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنىڭ نامزاتلىق سالاھىيىتىگە سەل قارىشىنىڭ، ئىتتىپاقنىڭ ئورتاق كەلگۈسى ئىستىقبال يارىتىشتىكى ئىقتىدارسىزلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى رېئاللىقىغا كۆلەڭگە چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا»

ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنىڭ دىقققەت قوزغايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كەچەلى تۆۋەندىكىلەرنى قەيت قىلدى:

«مەزكۇر ھۆججەتنىڭ، ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلار ناتو دائىرىسىدە كۆرۈنەرلىك قوشۇمچە مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلى سېلىنغان ۋە تۈركىيەنىڭ ئورنىنىڭ تالاش - تالاشسىز ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن تارىخىي ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، بۇ رېئاللىققا كۆلەڭگە چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان بىر ئۇسلۇب بىلەن يېزىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە.»

شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە قىبرىس سىگنالى

«ھۆججەتتە شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسسىز دەۋالار، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە بۇرمىلانغان چۈشىنىشنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. قىبرىس مەسىلىسىگە كەلسەك، ھەل قىلىش چارىسىنىڭ 2004-يىلى قىبرىس تۈرك تەرىپى قوبۇل قىلغان ب د ت ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش پىلانىنى رەت قىلغان ۋە 2017-يىلىدىكى قىبرىس يىغىنىدا مۇرەسسە قىلمايدىغان پوزىتسىيە تۇتۇپ، مۇساپىنىڭ نەتىجىسىز قېلىشىغا سەۋەب بولغان قىبرىس رىم تەرىپى تەرىپىدىن توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقىنى رېئاللىققا ئۇيغۇن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغان ئىستىقبال ۋە ئۇسلۇبنى قوللىنىشقا چاقىرىمىز.»

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا