ئىككى ئىسىرائىلىيە ئەسكىرى ئېتىشىشتا ئۆلدى
غەززەدىكى ئېتىشىشلاردا ئىككى ئىسىرائىلىيە ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى، بۇلارنىڭ بىرى مايور.
نەگىل53 : ئىسرائىل قوشۇنى ئىئوردانىيەدىن كىرىپ كەلگەن ئىككى ھۇجۇمچىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى دەۋا قىلدى / AA
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، 932-باتالىيوننىڭ قوماندانى مايور دىۋىر زىيون رېۋاھ ۋە مۇئاۋىن كاپىتان ئېتان ئىسرائىل شىكنازىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىكى ئېتىشىشتا قازا قىلغانلىقىنى، يەنە ئىككى ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
غەززەگە قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى باشلانغان 2023-يىلى 27-ئۆكتەبىردىن بۇيان 390 دىن ئارتۇق ئىسىرائىلىيە ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى.
ئىسىرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن تارتىپ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا تەخمىنەن 45 مىڭ 854 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 17 مىڭ 818 نەپىرى كىچىك بالا، 12 مىڭ 287 نەپىرى ئايال. 109 مىڭ 139 پەلەستىنلىك يارىلاندى.
غەززەدە خارابىلىكلەر ئاستىدا ھازىرغىچە مىڭلىغان جەسەتلەرنىڭ بارلىقى، پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان دوختۇرخانا ۋە مەكتەپ قاتارلىق ئاممىۋى ئۇل-ئەسلىھەلەرمۇ ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ۋەيران بولماقتا.