پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسىپۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇلدىكى مەغلۇپ بولغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسى ئارقىلىق خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى.
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسى ۋە باشقا پىلانلىرى ئۈچۈن قوللانغان ئاساسلىق شىفىرلىق ئالاقە تورى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. تەشكىلات بارلىق مەخپىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مۇشۇ ئۇچۇرلىشىش پىروگراممىسى ئارقىلىق خەۋەرلىشەتتى.

دەرھال ئۇچۇرلىشىش پىروگراممىسى - ByLock.

پۈتكۈل تۈركىيە بۇ پىروگراممىدىن 2016-يىلى 15-ئىيۇلدىكى مەغلۇپ بولغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسى ئارقىلىق خەۋەر تاپتى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (فەتۆ) ئەزالىرىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسى ۋە باشقا پىلانلىرى ئۈچۈن قوللانغان ئاساسلىق شىفىرلىق ئالاقە تورى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. تەشكىلات بارلىق مەخپىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مۇشۇ ئۇچۇرلىشىش پىروگراممىسى ئارقىلىق خەۋەرلىشەتتى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ByLock نىڭ بايقىلىشىدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان نۇقتا بولسا، بۇ پىروگراممىدا فەتۆ ئەزالىرىغا بېرىلگەن ID نومۇرلىرى بولدى. تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ پىروگراممىدا ئىسىملىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نومۇرلار بىلەن ئورۇن ئالغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

بىردىن باشلانغان ID نومۇرلىرى كىشىلەرنىڭ تەشكىلات ئىچىدىكى مۇھىملىق ۋە سالاھىيەت تەرتىپىنى كۆرسىتەتتى. ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەردە جەمئىي ID سانىنىڭ 215 مىڭدىن ئاشقانلىقىمۇ ئېنىقلاندى.

فەتۆنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەزالىرى دەسلەپكى مىڭنىڭ ئىچىدە

ByLock   ID نومۇرلىرى تەكشۈرۈلگەندە، پىروگراممىنىڭ دەسلەپتە مەخپىي خادىملار، تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە مۇھىم شەخسلەر ئارىسىدا قوللىنىلغانلىقى كۆرۈلدى. تەشكىلات ByLock ئىشلىتىشنى تۆۋەن قاتلامدىكىلەرگە كېيىنچە ئاچقان.

ID نومۇرلىرى تەكشۈرۈلگەندە دەسلەپكى يۈزنىڭ ئىچىدە ئورۇن ئالغان ئىسىملاردىن بىرى، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىغا قىلىنغان سۇيىقەست دەۋاسى دائىرىسىدە قولغا ئېلىنىپ سوتلانغان سابىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فەتۆچى ئەرول دەمىرھان بولۇپ، ئۇنىڭ ID نومۇرى 27.

دەمىرھاندىن كېيىنكى ئىسىم 28 نومۇرلۇق ID بىلەن سابىق ئەنقەرە ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەتۆچى ئوغۇز كىرەمىتچى.

ID نومۇرى دەسلەپكى يۈزنىڭ ئىچىدە بولغان دىققەتنى تارتىدىغان ئىسىملاردىن بىرى سەركان شاھان. ID نومۇرى 40 بولغان شاھان ئەرمەن ژۇرنالىست هرانت دىنك سۇيىقەستى دەۋاسىنىڭ ئەيىبلىنىگۈچىلىرىدىن بىرى.

43 نومۇرلۇق ID غا ئىگە ئىسىم بولسا جەنگىز ئۆزكان. ئۆزكان رۇسىيە باش ئەلچىسى كارلوۋ سۇيىقەستىنىڭ پىلانلىغۇچىسى جامال كاراتانىڭ مەسئۇلىدۇر.

يەنە بىر دىققەت قوزغايدىغان ئىسىم بولسا فەتۆنىڭ ئامېرىكا ئىمامى مەھمەت ياشا. 49 نومۇرلۇق ID غا ئىگە مەھمەت ياشا فەتۆچىلەرنىڭ 30 مىليون دوللىرىنىڭ «Atlanta Star Chain» ناملىق شىركەتتە يوق قىلىۋېتىلىشىنىڭ ئاساسلىق ئاكتىيورلىرىدىن بىرىدۇر.

جەۋھەرى گۈۋەنمۇ قىممەتلىك ID نومۇرلىرى ئارىسىدا

ByLock  ID نومۇرلىرى تەشكىلات ئىچىدىكى «قىممەت» تەرتىپىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. فەتۆگە سادىقلىقى بىلەن تونۇلغان قاچقۇن ژۇرنالىست جەۋھەرى گۈۋەنمۇ ئەنە شۇ ئىسىملاردىن بىرىدۇر. گۈۋەن دەسلەپكى مىڭنىڭ ئىچىدىكى ID نومۇرلىرى ئارىسىدا ئورۇن ئالمىغان بولسىمۇ، فەتۆ ئەزاسى بولغان ژۇرنالىستلار ئارىسىدا بىرىنچى رەتكە تىزىلغان.

فەتۆنىڭ گۆببېلسى دەپمۇ تونۇلغان گۈۋەننىڭ ID نومۇرى 3320. ByLock تىكى ID نومۇرىدىن قاچقۇن ژۇرنالىست گۈۋەننىڭ فەتۆگە قاراشلىق باشقا ژۇرنالىستلارغا سېلىشتۇرغاندا نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا