خىتاي خاككېر جەنۇبىي كورېيە بانكىلىرىغا سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي خاككېر جەنۇبىي كورېيە بانكىلىرىغا سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدىCrowdStrike نىڭ دوكلاتىدا بىر خىتاي خاككېرنىڭ سۈنئىي ئەقىل قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ جەنۇبىي كورېيەدىكى بىرنەچچە مالىيە ئورگىنىغا سىڭىپ كىرىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئوغرىلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي خاككېر جەنۇبىي كورېيە بانكىلىرىغا سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى / AP
 

ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك شىركىتى CrowdStrike نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تىلىدا سۆزلەيدىغان كىملىكى نامەلۇم بىر خاككېر سۈنئىي ئەقىل قوللىنىلغان قوراللاردىن پايدىلىنىپ، جەنۇبىي كورېيەدىكى بىرنەچچە مالىيە ئورگىنىنىڭ سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئوغرىلىغان.

يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى CrowdStrike نىڭ دوكلاتىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تور ھۇجۇملىرى ئۆتكەن يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرى بىلەن ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن. خاككېر خىتايدا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ئوچۇق مەنبەلىك سىناق قورالى ARTEX نى چوڭ تىل مودېللىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىپ، بانكا سىستېمىلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن.

ھۇجۇم نىشانلىرى ئارىسىدا بىر بانكىنىڭ قەرز سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى ۋە يەنە بىر بانكىنىڭ خىزمەتچىلەرگە قارىتىلغان كۆچمە قوللاش سۇپىسى بار. CrowdStrike بۇ ھۇجۇملارغا چېتىشلىق ئىككى مۇلازىمېتىرنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى خوڭكوڭغا جايلاشقان.

شىركەت خاككېرنىڭ مالىيە مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئوغرىلانغان جەنۇبىي كورېيە سانلىق مەلۇماتلىرىنى ساتىدىغان بازارلارنىڭ ئىزدەلگەنلىكىنى كۆرسەتتى. شۇنداقتىمۇ، خاككېرنىڭ كىملىكى، سىستېمىغا سىڭىپ كىرىش كۆلىمى ۋە ئوغرىلانغان ئۇچۇرلارنىڭ مىقدارى تېخى تولۇق جەزملەشتۈرۈلمىدى.

بۇ باياناتلار يېقىنقى مەزگىلدە خەۋەر قىلىنغان Hana Bank، KB Kookmin Bank ۋە Shinhan Bank لارغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار ئاشكارىلىنىپ كېتىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. مەزكۇر ۋەقەلەر ھازىر مالىيە نازارەتچىلىك ئورگانلىرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە قارادېڭىزدا بىخەتەر دېڭىز قاتنىشى ئۈچۈن «ئۈنۈملۈك مېخانىزم» ئورناتماقتا
قاتار ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى بىر ئامېرىكا-ئىران جىددىيلىكىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەردوغان «تېررورسىز تۈركىيە» مۇساپىسىنى كەڭ ئورتاق تونۇش بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى ئاخىرقى 16 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى
رۇسىيە: «ھەربىي تەھدىت شەكىللەنگەن ئەھۋالدا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو ھۇجۇمى ئېلىپ بارالايمىز»
گېرمانىيەدە تەخمىنەن 450 مەكتەپكە بومبا تەھدىتى بار ئېلخەت ئەۋەتىلدى
باڭلادېش سابىق باش مىنىستىر ھاسىنانى قايتىپ كەلگەن ھامان تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇركتا يەنە 14 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى: سىستېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن
كولومبىيەدىكى بىر باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، 12 ئەسكەر يارىلاندى
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ يېڭى يىلدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
مىنىستىر قۇرۇم: «ئورتاق ماكانىمىز دۇنيا ئۈچۈن چارە ئىزدەشتىن ۋاز كۆچمەيمىز»
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى