خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇردى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرى ئۈچۈن تېھران بىلەن مۇزاكىرىلەشتى.
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇردى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇردى / Reuters

ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا پاكىستاننىڭ ۋاسىتچىلىقى بىلەن بىر كېلىشىم قېلىپىغا يېتىپ بېرىش مەقسىتىدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مۇساپىسى داۋاملاشماقتا.

ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ جۈمە كۈنى يخەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھسىن ناقۋى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تەكلىپلەرنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈش ئېلىپ بارغان.

ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي «تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ كۆرۈشۈش تېھران بىلەن واشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى داۋاملىشىۋاتقان ۋاسىتىلىك ئالاقىلەرگە ئائىت تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈشكە مەركەزلەشكەن.

پەيشەنبە كۈنى كېچىدە، ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي «ئىسنا» (ISNA) خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى پاكىستان ئارقىلىق داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بىر قېلىپ كېلىشىمگە يېتىپ بېرىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى، ئەمما بەزى پىكىر ئوخشاشماسلىقلىرىنىڭ تېخىچە ھەل قىلىنالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئىسنا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ھەپتە ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم تېھرانغا بارغان ناقۋى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىر ئۇچۇرىنى ئىران دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Rubio sees hope for talks to end US-Israeli war on Iran ahead of Pakistan army chief's Tehran visit

ئىسنا ئاگېنتلىقى تىلغا ئالغان پاكىستانلىق مەنبەلەر، ئەگەر ئىككى تەرەپ تەكلىپ قىلىنغان قېلىپنى جەزملەشتۈرسە، پاكىستان ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئاسىم مۇنىرنىڭمۇ ئىراندا  زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىلگىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان 14 ماددىلىق ئىران تەكلىپىگە ئاساسلانغاندا، تېھران ھۆكۈمىتى دائىملىق بىر ئۇرۇش توختىتىش تەمىنلەنگەندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، قويۇقلاشتۇرۇلغان ئۇران مەسىلىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا يادرو پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايرىم مۇزاكىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. واشىنگتون تەرەپ بولسا، يادرو مەسىلىسىنىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن بۇرۇن «مۇزاكىرە قىلىنىپ ھەل قىلىنىشى» نى شەرت قىلماقتا.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە، فېۋرال ئېيىدا ئىرانغا قارشى ھۇجۇملارنى باشلىغان ئىدى. تېھران بولسا ئىسرائىلىيەنى ۋە قولتۇقتىكى ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى نىشانلىغان ھۇجۇملار بىلەن جاۋاب قايتۇردى ھەمدە ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىۋەتتى. پاكىستان ئارقىلىق 8-ئاپرېلدا بىر ئۇرۇش توختىتىش يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسلامئابادتىكى سۆھبەتلەردە دائىمىي بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىدى. ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپ كېيىنچە ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنى شەرتىسىز ئۇزارتتى. ئەمما ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولى بولغان ھورمۇز بوغۇزى ئارقىلىق ئىران پورتلىرىغا بارىدىغان ياكى بۇ پورتلاردىن كېلىدىغان پاراخوتلارغا قوللىنىلغان دېڭىز قامالىنى داۋاملاشتۇردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Pakistan ramps up US-Iran mediation as Trump warns things could turn 'nasty'

 

ئىزدىنىڭ
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ياۋروپانىڭ مۇزاكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئافغانىستان: «پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى»