ئەردوغان: تۈركىيە تۇغۇت «ئاپىتى» گە دۇچ كەلمەكتە
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۆۋەنلەۋاتقان تۇغۇت نىسبىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقى چېلىۋاتقانلىقىنى ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھېچكىمنىڭ بۇنىڭغا بىپەرۋالىق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە تۇغۇت نىسبىتى تۆۋەنلىگەچكە «ئاپەت»كە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. / AA
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەيشەنبە (20-نويابىر) كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئائىلە ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئائىلەلەر دۇچ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزى «كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ» دەپ قاراۋاتقان خىرىسلار ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.
ئۇ: «بىز جىنسىيەتسىزلەشتۈرۈش (جىنسىي كىملىكسىزلەشتۈرۈش) ۋە ل گ ب ت (LGBT) غا ئوخشاش مەجبۇرىي تېڭىلغان ئازغۇن ھەرىكەتلەرگە قارشى تەدبىر قوللىنىۋاتىمىز، بۇ جەھەتتە ھېچقانداق يول قويۇشقا ۋە بىخۇدلۇققا ئورۇن بەرمەيمىز» دېدى.
ئۇ يەر شارى كاپىتالىزمى يېڭى فىرونتلارنى ئېچىۋاتقان، مەدەنىيەت ئېمپىرىيالىزمى ۋە رەقەملىك قورشىۋېلىش دۇنيا مىقياسىدا كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، تۈركىيەنىڭ ئائىلىنى قوغداۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە رەسمىي سانلىق مەلۇماتلاردا دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تۇغۇت نىسبىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى (2024) %1.48 گە چۈشۈپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، نوپۇس كىرىزىسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىز ھازىر بىر ئاپەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز» دېدى.
ئۇ تۆۋەنلەۋاتقان تۇغۇت نىسبىتىنىڭ «كەلگۈسىمىز ئۈچۈن كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقى چېلىۋاتقانلىقى» نى ۋە «بۇ دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھېچكىمنىڭ بۇنىڭغا بىپەرۋالىق قىلالمايدىغانلىقى» نى ئېيتتى.
ئۇ ماي ئېيىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئائىلە مۇنبىرىدە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ 2026-يىلدىن 2035-يىلغىچە بولغان مەزگىلنى «ئائىلە ۋە نوپۇس ئون يىلى» قىلىپ بېكىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئەردوغان شەخسىي راھەت-پاراغەتنى ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي رىشتىلەردىن ئۈستۈن قويىدىغان زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى:
«زامانىۋىلىشىشنى ئائىلە قۇرماسلىق ۋە يالغۇزلىشىش چۈشەنچىسى ئۈستىگە قۇرىدىغان تەپەككۇر شەكلى مەيلى شەخسلەرگە بولسۇن، مەيلى جەمئىيەتكە بولسۇن تىنچلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۆزىنىڭ راغەت-پاراغىنى ئالدىنقى ورۇنغا قويغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ياشلاردىن باشلاپ جەمئىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلمىسىغا تېز سۈرئەتتە سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ.»
دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەر ل گ ب ت (LGBT) ھەرىكىتىگە قارشى تەدبىرلەرنى قوللاندى. رۇسىيە 2023-يىلى «خەلقئارا ل گ ب ت ھەرىكىتى» نى چەكلىدى.
يېقىنقى مەزگىلدە، ۋېنگىرىيە، بۇلغارىيە، ئارگېنتىنا، ھىندونېزىيە ۋە گىرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئائىلە قىممەت قاراشلىرىنى ل گ ب ت تەسىرىدىن قوغداشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.
شۇنىڭغا ئوخشاش، 30 دىن ئارتۇق ئافرىقا دۆلىتى، 22 ئاسىيا دۆلىتى، ئالتە ئامېرىكا قىتئەسى دۆلىتى ۋە ئالتە ئوكيانىيە دۆلىتى جىنسىيەتسىزلەشتۈرۈشنى مەجبۇرىي تېڭىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللاندى.