خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
كوسوۋودا پارلامېنت پىرېزېدېنتنى سايلىيالمىدى، ئۈچىنچى قېتىم مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلمەكچى
ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە پىرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۈچتىن ئىككى قىسىم، كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كوسوۋو قايتىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرماقتا.
كوسوۋودا پارلامېنت پىرېزېدېنتنى سايلىيالمىدى، ئۈچىنچى قېتىم مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلمەكچى
كوسوۋودا پارلامېنت پىرېزېدېنتنى سايلىيالمىدى، ئۈچىنچى قېتىم مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلمەكچى / Reuters
 

كوسوۋو پارلامېنتى يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە يېڭى بىر پىرېزىدېنت سايلاپ چىقالمىدى. بۇ ئەھۋال دۆلەتنى ئۈچىنچى قېتىم مۇددەتتىن بۇرۇنقى چوڭ سايلام گىردابىغا ئېلىپ كەلدى.

ئاۋاز بېرىشكە پەقەت ھاكىمىيەت بېشىدىكى «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەرىكىتى» ۋە سېرب بولمىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

گۇرۇپپىلار كۈن بويى تۆت قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى، ئەمما ئومۇمىي 64 ئاۋاز، 120 ۋەكىلنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنىڭ ئاۋازىنى تەلەپ قىلىدىغان پىرېزىدېنت سايلاشقا يەتمىدى.

دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىمۇ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە %51 ئاۋازغا ئېرىشكەن باش مىنىستىر ئالبىن كۇرتى بەلگىلىگەن نامزاتلارنىڭ ھېچقايسىسى يېتەرلىك قوللاشقا ئېرىشەلمىدى.

پارلامېنت باشلىقى ۋە ۋاقىتلىق جۇمھۇر رەئىس ئالبۇلىنا خاجىيۇ (Albulena Haxhiu)، كوسوۋو دېموكراتىك پارتىيەسى ۋە كوسوۋو دېموكراتىك ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆكتىچى پارتىيەلەرگە تەكلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ پارتىيەلەرنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

كۇرتى ئىلگىرى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلاملارنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشىمىغان نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، پەقەت «قانۇن چىقىرىش ۋە ئورگان خاراكتېرلىك بىئاراملىقنىڭ داۋاملىشىشىغا» سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

يېقىنقى كۈنلەردە خاجىيۇنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش چاقىرىقى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئاساسىي قانۇنغا ئاساسلانغاندا، بۇ سايلاملار 45 كۈن ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى: سىستېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن
كولومبىيەدىكى بىر باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، 12 ئەسكەر يارىلاندى
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ يېڭى يىلدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەڭ ئېنىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىن ناتوغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى
مىنىستىر بولات ئېكسپورتتا ئاخىرقى 6 ئايدا بارلىق ئايلىق رېكورتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلىپ، 52 كىشى يارىلاندى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى