خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: «7 شەرت ئورۇندالماي تۇرۇپ ھېچقانداق قەدەم تاشلانمايدۇ ۋە سۆھبەت بولمايدۇ»
ئىران پارلامېنت رەئىسى مۇھەممەد باقىر قارىباف تېھران ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان 7 شەرت ئورۇندالماي تۇرۇپ ۋاشىنگتون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ھېچقانداق قەدەم تاشلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران: «7 شەرت ئورۇندالماي تۇرۇپ ھېچقانداق قەدەم تاشلانمايدۇ ۋە سۆھبەت بولمايدۇ»
ئىران: «7 شەرت ئورۇندالماي تۇرۇپ ھېچقانداق قەدەم تاشلانمايدۇ ۋە سۆھبەت بولمايدۇ» / Anadolu Agency (Wire)
 

ئىران پارلامېنتىنىڭ ئوچۇق يىغىنىدا سۆز قىلغان قارىباف، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ۋە باشقا ئامېرىكالىق ئەمەلدارلارنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىت ۋە ئىقتىسادىي بېسىملارنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى ۋاشىنگتوننىڭ ئىران ئالدىدىكى ئامالسىزلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. قارىباف: «بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئېيتقىنىمىزدەك، ئىراننىڭ 7 شەرتى ئورۇندالماي تۇرۇپ ھېچقانداق قەدەم تاشلانمايدۇ ۋە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلمايدۇ. دۈشمەن بىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەقدىردە ئۇرۇشنىڭ جۇغراپىيەسىنى ئۆزگەرتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قەتئىي جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييارمىز» دېدى.

تېھران ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئومۇميۈزلۈك سۆھبەتلەرنىڭ باشلىنىشى ۋە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان 7 شەرتىنىڭ ئورۇندىلىشىدا چىڭ تۇرماقتا. بۇ شەرتلەر ئارىسىدا دېڭىز قورشاۋىنى بىكار قىلىش، ھورمۇز بوغۇزىدىن سودا ۋە نېفىت پاراخوتلىرىنىڭ بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، تېھرانغا قارىتىلغان بىر تەرەپلىمە ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش، ئىرانغا نېفىت ئېكسپورتى كەچۈرۈمى بېرىش، توڭلىتىلغان مەبلەغلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە ئۇرۇشنى بارلىق سەپلەردە ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار بار.

ئىزدىنىڭ
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى
مىنىستىر بولات ئېكسپورتتا ئاخىرقى 6 ئايدا بارلىق ئايلىق رېكورتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلىپ، 52 كىشى يارىلاندى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى
ترامپ: پۇتىن ئۇرۇشنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ
ئىسلام 2035-يىلى دۇنيادىكى ئېتىقادچىسى ئەڭ كۆپ دىنغا ئايلىنىشى مۇمكىن
تۈركىيە شەنگەن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
«قىزىلئەلما» دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە-قاتار ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى ھەققىدە بايانات بەردى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا قاتناشمىغان يىغىنلاردا ئۇكرائىنا ھەققىدە قارار چىقىرىش چوڭ خاتالىقتۇر
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى