خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: «ئۇكرائىنا پات يېقىندا ئىراننىڭ ھېچبىر جىنايەتنى جاۋابسىز قالدۇرمايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ»
ۋولودىمىر زېلېنسكىي ھەپتە ئاخىرىدا ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا تەۋە ھەربىي بويۇم توشۇيدىغان پاراخوتلار بىلەن بىر ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئىران: «ئۇكرائىنا پات يېقىندا ئىراننىڭ ھېچبىر جىنايەتنى جاۋابسىز قالدۇرمايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ»
ئىران: «ئۇكرائىنا پات يېقىندا ئىراننىڭ ھېچبىر جىنايەتنى جاۋابسىز قالدۇرمايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ»
 

ئىران پارلامېنتى دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە تاشقى سىياسەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئىبراھىم ئازىزى، ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىران پاراخوتىغا قىلغان ھۇجۇمىغا قارىتا: «ئۇكرائىنا پات يېقىندا ئىراننىڭ ھېچبىر جىنايەتنى جاۋابسىز قالدۇرمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئىبراھىم ئازىزى، X ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئۇكرائىنا ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ھەر ۋاقىت بىر بەدىلى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئازىزى، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ۋەزىيەتنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ: «ئۇكرائىنا پات يېقىندا ئىراننىڭ ھېچبىر قىلمىشنى جاۋابسىز قالدۇرمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشى مۇمكىن» دېدى.

ئازىزى يەنە ئۇكرائىناغا قايتا ئىشارەت قىلىپ: «خاتا ھېسابات قىلغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى بارغانسېرى ئۇزارماقتا» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئۇكرائىنا دۆلەت رەئىسى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، ھەپتە ئاخىرىدا ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا تەۋە ھەربىي بويۇم توشۇيدىغان پاراخوتلار بىلەن بىر ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئۇكرائىنانىڭ تېھراندىكى ۋاقىتلىق ئىشلار ۋەكىلى، بۇ مەسىلىگە چېتىشلىق ھالدا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى: سىستېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن
كولومبىيەدىكى بىر باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، 12 ئەسكەر يارىلاندى
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ يېڭى يىلدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەڭ ئېنىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىن ناتوغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى
مىنىستىر بولات ئېكسپورتتا ئاخىرقى 6 ئايدا بارلىق ئايلىق رېكورتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلىپ، 52 كىشى يارىلاندى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى