ئىران: ئامېرىكا تېررىتورىيەلىرىمىزگە ئەسكەر ئەۋەتسە، يەنە بىر ۋىيېتنامغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سەئىد خاتىبزادە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىرانغا ئەۋەتىلگەن تەقدىردە، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر توقۇنۇش پاتقىقىغا پېتىپ، «يەنە بىر ۋىيېتنام»غا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

By
ئىران ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلسا "يەنە بىر ۋيېتنام" خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى دەيدۇ. / AP

ئىرانلىق ئەمەلدار «سىكاي  نيۇز» قانىلىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ۋىيېتنامدا يۈز بەرگەنلەرنى ئوقۇپ بېقىڭلار» دېدى.

ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەتىجىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالغان خاتىبزادە: «ئۇلارنى بۇ ئۇرۇشقا سۆرىگەنلەرنىڭ، ئۆزلىرىنى بىر پاتقاققىمۇ سۆرىيەلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ» دېدى.

خاتىبزادە ئىراننىڭ قاچانچىلىك سوزۇلسا، شۇنچە ئۇزۇن ئۇرۇش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ھازىرچە دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئىرانلىق يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلومات سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما توقۇنۇشقا تۈپتىن خاتىمە بېرىدىغان بىر تەكلىپ سۇنۇشنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىسرائىلىيە ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى

خاتىبزادە يەنە نېتانياھۇنى ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىران بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئىككى قېتىم ئويلىنىشى كېرەك. شۇنداقلا ئىراننى تونۇمايدىغان، ئامېرىكا باج تاپشۇرغۇچىلىرىنىڭ مەبلىغى ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قېنى بەدىلىگە ئىرانغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى نىشانلاپ كېلىۋاتقانلارنىڭ مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سالماسلىقى لازىم. نېتانياھۇ ۋە ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى بۇ ئۇرۇشنى ھەممە ئادەمنىڭ بەدىلىگە ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت شەخسىي كۈنتەرتىپىگە ئىگە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىراننىڭ يېڭى دىنىي رەھبىرى مۇجتەبا خامەنەينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئۈستىدىمۇ توختالغان خاتىبزادە، ئۇنىڭ جامائەت نەزەرىدە كۆرۈنمەسلىكىگە قارىماي، «ساغلام ۋە خىزمىتىنىڭ بېشىدا» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا 28-فېۋرالدا ئىرانغا ئورتاق ھۇجۇم قوزغاپ، ئاشۇ مەزگىلدىكى دىنىي رەھبەر ئەلى خامەنېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 1300 كىشىنى ئۆلتۈرگەندىن بۇيان، ئۆزئارا ھۇجۇملار تېخىمۇ كۈچەيدى. ئىران بۇ ھۇجۇملارغا ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تۇرۇۋاتقان پارارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.

بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا مۇجتەبا خامەنېي دادىسى ئەلى خامەنېينىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.