سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: ئامېرىكا،ئىسرائىلىيە ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىمىز
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.
ئىران: ئامېرىكا،ئىسرائىلىيە ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىمىز
ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىشى سەۋەبىدىن نېفىت باھاسى ئۆرلەپ كەتتى. رويتېرس. / Reuters

ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتمەكچى بولغان ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىغا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشىنى تەكرارلىدى.

ئىراننىڭ پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن پارس قولتۇقىدىكى دېڭىز توقۇنۇشلىرى كۆپەيدى، بۇ سودىنىڭ ئاقسىشىنى ۋە خەلقئارالىق ئەندىشەلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.

ئىران قوراللىق كۈچلىرى پەيشەنبە (2026-يىلى 12-مارت) كۈنى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھورمۇز بوغۇزىنى ئۆزلىرىنىڭ كونترول قىلىدىغانلىقىنى، يېقىنقى مەزگىللەردە ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقان ئامېرىكا ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ مۇھىم دېڭىز يولىدىن ئۆتۈشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ھەربىي ھەرىكەتلەرنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل ئورۇن بولغان «خاتەمۇل ئەنبىيا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ھورمۇز بوغۇزى ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنىڭ جەسۇر دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا. بۇنىڭدىن ھېچقانداق گۇمان ۋە سەل قاراشقا قىلىشقا بولمايدۇ. ئامېرىكا تەجاۋۇزچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شېرىكلىرىنىڭ بۇ يەردىن ئۆتۈش ھوقۇقى يوق.»

ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆز تېرروتېرىيەسىگە قىلغان بىرلەشمە ھەربىي ھۇجۇمىغا قارشى ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە، مارت (2026) نىڭ بېشىدا ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئۆتمەكچى بولغان ھەر قانداق پاراخوتنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

بۇ قېتىمقى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى دۇنيا ئېنېرگىيە توشۇش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %20 نى ئۈستىگە ئالىدىغان بۇ مۇھىم دېڭىز يولىدىكى سودا قاتنىشىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاقساتتى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋارىل نېفىت باھاسى 120 دوللارغا چىقتى.

ئامېرىكا بوغۇزنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىستراتېگىيەلىك ئۆتكەل ئەتراپىدىكى ئاز دېگەندە 16 دانە مىنا ياتقۇزۇش پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراننىڭ نۇرغۇن دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرىنى پارتلاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - White House denies US Navy escorted tankers through Strait of Hormuz

پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىش داۋاملاشماقتا

ئەنگلىيە دېڭىز سودا مەشغۇلاتلىرى ئورگىنى (UKMTO) ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جەبەل ئەلى پورتىنىڭ تەخمىنەن 65 كىلومېتىر شىمالىدا بىر يۈك پاراخوتىنىڭ «نامەلۇم بىر جىسىم» نىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە پاراخوتتا كىچىك كۆلەمدە ئوت كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيە دېڭىز سودا مەشغۇلاتلىرى ئورگىنى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «» پاراخوت كاپىتانى يۈك پاراخوتىنىڭ نامەلۇم بىر جىسىمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە پاراخوتتا كىچىك كۆلەمدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. قاراڭغۇ بولغانلىقتىن زىياننىڭ تولۇق دەرىجىسىنى بېكىتكىلى بولمىغان.

مەزكۇر ئورگان يەنە بارلىق پاراخوت خادىملىرىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى، ھازىرغىچە مۇھىتقا تەسىر يەتكۈزگەنلىك ھەققىدە مەلۇمات كەلمىگەنلىكىنى سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، دائىرىلەر بۇ ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىغان. شۇنداقلا، رايوندىكى پاراخوتلارغا ئېھتىيات بىلەن مېڭىشنى ۋە ھەر قانداق گۇمانلىق ھەرىكەتلەرنى ئەنگلىيە دېڭىز سودا مەشغۇلاتلىرى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.

ئىران يەنە بوغۇزدا تايلاندتا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، پاراخوتتىكى بىر قانچە خادىم قاپسېلىپ قالغان. بۇ ئەھۋال باڭكوكنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Middle East war chokes aid routes as Strait of Hormuz effectively closes: UN
ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ