خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي كورېيەنىڭ ھاكىمىيەت پارتىيەسى كىم جۇڭ ئۇننى قايتىدىن باش كاتىپلىققا سايلىدى
شىمالىي كورېيە دۆلەت تاراتقۇلىرى ئىقتىساد، مۇداپىئە ۋە دىپلوماتىيە ساھەلىرى بويىچە يېڭى بەش يىللىق سىياسەت نىشانلىرىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
شىمالىي كورېيەنىڭ ھاكىمىيەت پارتىيەسى كىم جۇڭ ئۇننى قايتىدىن باش كاتىپلىققا سايلىدى
شىمالىي چاۋشيەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەقەت كىم جوڭئۇنلا دۆلەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋە ئۇدا يۈكسىلىشىگە رەھبەرلىك قىلالايدىكەن. / AFP

شىمالىي كورېيە دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورېيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسى داۋاملىشىۋاتقان پارتىيە قۇرۇلتىيى جەريانىدا كىم جۇڭ ئۇننى قايتىدىن باش كاتىپلىققا سايلىغان.

كورېيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، كىمنىڭ پىيوڭياڭدا پەيشەنبە كۈنى باشلانغان كورېيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 9-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا قايتىدىن سايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بەش يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان مەزكۇر قۇرۇلتايغا 5 مىڭ پارتىيە ۋەكىلى قاتناشقان.

كورېيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقى قۇرۇلتاينىڭ يەكشەنبە كۈنى قوبۇل قىلغان قارارىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كورېيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 9-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى، بارلىق ۋەكىللەرنىڭ، مىليونلىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ، خەلقنىڭ ۋە خەلق ئارمىيەسى خادىملىرىنىڭ كورېيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ پاراۋانلىقى يولىدىكى تەۋرەنمەس ئىرادىسى ۋە بىر تۇتاش ئارزۇسىغا ئۇيغۇن ھالدا، كىم جۇڭ ئۇننى كورېيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى قىلىپ سايلاشنى قارار قىلدى.»

پارتىيە كاتىپى رى ئىل خۋان قۇرۇلتايدىكى نۇتۇقىدا: «پەقەت كىم جۇڭ ئۇنلا ئىشلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ بۇرۇلۇش يۈزلىنىشىنى سەكرەش خاراكتېرلىك بىر يۆنىلىشكە باشلاپ، ئىككىلەنمەستىن سىجىل يۈكسىلىشكە يېتەكلىيەلەيدۇ» دېدى. ئۇ يەنە دۆلەتنىڭ جازالارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاقابىل تۇرۇپ، دۈشمەنلىرى ئۈچۈن «قورقۇنچلۇق» بىر كۈچكە ئايلانغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەكشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا يەنە كورېيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە زاپاس ئەزالىرى سايلانغان بولۇپ، سايلانغان ئەزالار ئارىسىدا كىم جۇڭ ئۇن، پاق تە سوڭ، جو يۇڭ ۋون ۋە رى ئىل خۋان قاتارلىقلار بار.

قۇرۇلتاي بىر مەزگىل يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن 76 ياشلىق پارلامېنت باشلىقى چو ريوڭ خاي ۋە باشقا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ئەزالىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى. بۇ ئەھۋال رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى زور بىر نۆۋەت ئالماشتۇرۇشنىڭ سىگنالى دەپ قارالماقتا.

يەكشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا يەنە پارتىيەنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزامنامىسى قوبۇل قىلىندى، ئەمما بۇ ھەقتە ھېچقانداق تەپسىلات ئاشكارىلانمىدى.

قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرىدا پارتىيەنىڭ ئىقتىساد، مۇداپىئە ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەلگۈسى بەش يىللىق يېڭى سىياسەت يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان بىر قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە. قۇرۇلتاي شىمالىي كورېيەدىكى ئەڭ يۇقىرى قارار چىقىرىش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز