غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئۇرۇشى ئۈچۈن 21.7 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى
بروۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئۇرۇش چىقىملىرى» تۈرى، بايدىن ۋە ترامپ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا شارائىت ياراتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئۇرۇشى ئۈچۈن 21.7 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى
ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئۇرۇشى ئۈچۈن 21.7 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ بىلەن تەمىننلىدى / Reuters

ئامېرىكانىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق ھەرىكەتلىرىگە تەخمىنەن 33 مىليارد دوللار چىقىم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان يېڭى بىر ئىلمىي تەتقىقاتتا، ئامېرىكانىڭ بايدىن ۋە ترامپ ھۆكۈمەتلىرى دەۋرىدە، غەززەدىكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئىسرائىلىيەگە كەم دېگەندە 21 مىليارد 700 مىليون دوللار ھەربىي ياردەم بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بروۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋاتسون خەلقئارا ۋە ئاممىۋى ئىشلار مەكتىپىدىكى «ئۇرۇش چىقىملىرى» تۈرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يەنە بىر تەتقىقاتتا، ئامېرىكانىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدا ئوتتۇرا شەرقتىكى بىخەتەرلىك ياردىمى ۋە ھەرىكەتلىرىگە تەخمىنەن 10 مىليارد دوللار قوشۇمچە چېقىم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتىكى بايقاشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوچۇق مەنبەلىك ماتېرىياللارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ تەتقىقاتلار ئامېرىكانىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى ئىسرائىلىيەگە بەرگەن ھەربىي ياردەملىرى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىۋاسىتە ئامېرىكا ھەربىي ئارىلىشىشلىرىنىڭ مۆلچەردىكى چىقىمى ھەققىدىكى ئەڭ ئومۇمىيۈزلۈك چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەگە بېرىلگەن ھەربىي ياردەم مىقدارى ھەققىدە ھېچقانداق بايان ئېلان قىلمىدى. ئاقساراي بولسا سوئاللارنى ياردەمنىڭ پەقەت بىر قىسمىنى نازارەت قىلىدىغان پېنتاگونغا يوللىدى.

قۇرۇلتايغا سۇنۇلغان ئاشكارا دوكلاتلارغا ئاساسلانغان بۇ مەلۇماتلار، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى.

ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى ۋە ھاماس ئەمەلدارلىرى، ھاماسنىڭ ئامېرىكا پىلانىنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ پىلان دائىرىسىدە بۇ ھەپتە مىسىردا ۋاسىتىلىق سۆھبەت باشلىدى.

ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان كەسكىن تەنقىدلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دوكلاتلار، ئامېرىكانىڭ ياردىمى بولمىسا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. دوكلاتتا يەنە، ھەر خىل ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەر دائىرىسىدە ئىسرائىلىيە ئۈچۈن كەلگۈسىدە ئون نەچچە مىليارد دوللارلىق باشقا مەبلەغلەرنىڭمۇ پىلانلانغانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.

ئاساسلىق دوكلاتتا، ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى يىلى دېموكراتچى پرېزىدېنت جو بايدىن دەۋرىدە ئىسرائىلىيەگە 17 مىليارد 900 مىليون دوللار، ئىككىنچى يىلى 3 مىليارد 800 مىليون دوللار ياردەم قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلدى. ھەربىي ياردەمنىڭ بىر قىسمىنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى، قالغان قىسمىنىڭ كەلگۈسى يىللاردا بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ تېكىستلەر ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «مەسئۇلىيەتچان دۆلەت ئىشلىرى كۋىنسى ئىنستىتۇتى» بىلەن ھەمكارلىشىپ تەييارلاندى.

ئىنستىتۇت بەزى ئىسرائىلىيە تەرەپدارى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئۆزبېشىمچى ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى دەپ ئەيىبلەنمەكتە. ئىنستىتۇت بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.

ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تېخىمۇ كەڭ پائالىيەتلىرىگە قىلغان خىراجەتلىرىنى تەھلىل قىلغان ئىككىنچى بىر دوكلاتتا، يەمەندىكى خۇسىيلار ۋە ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا ئوخشاش پائالىيەتلەر ئۈچۈن قىلىنغان خىراجەتنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان 9 مىليارد 650 مىليون دوللاردىن 12 مىليارد دوللارغىچە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. بۇ سوممىنىڭ 2 مىليارد دوللاردىن 2 مىليارد 250 مىليون دوللارغىچە بولغان قىسمى ئىرانغا قىلىنغان ھۇجۇملار ۋە ئىيۇن ئېيىدىكى مۇناسىۋەتلىك چىقىملارغا ئىشلىتىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 67 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

ئۈزلۈكسىز بومباردىمان قىلىش بۇ رايوننى ئاساسەن ياشىغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشكە، ئاچارچىلىققا ۋە كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Two years of Israeli genocide in Gaza. Here's how US shielded Netanyahu from accountability

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
رۇسىيە بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 323 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى
كولومبىيە كوماندىسى كونگو كوماندىسىنى يېڭىپ، كېيىنكى ئايلانمىغا كۆتۈرۈلۈش ئۈمىدىنى ساقلاپ قالدى
رۇبىيو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ