خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
سۇماترا ئارىلىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 500 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى، يۈزلىگەن كىشى يوقاپ كەتتى
ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئاپەتنى باشقۇرۇش ئاگېنتلىقى يەكشەنبە كۈنى، سۇماترا ئارىلىدا داۋاملىشىۋاتقان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 500 دىن ئاشقانلىقىنى، 508 كىشىنىڭ بولسا تېخىچە ئىزدىرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
سۇماترا ئارىلىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 500 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى، يۈزلىگەن كىشى يوقاپ كەتتى
سۇماترا ئارىلىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 500 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى، يۈزلىگەن كىشى يوقاپ كەتتى / AP

ھىندونېزىيە مېتېئورولوگىيە، كىلىمات ۋە گېئوفىزىكا ئاگېنتلىقى (BMKG)، سۇماترا ئارىلىدا شىددەتلىك كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى ئېشىۋاتقان بىر پەيتتە، مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھۆل-يېغىننىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

Kompas TV نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيە مېتېئورولوگىيە، كىلىمات ۋە گېئوفىزىكا ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر مۆلچەرى، دۈشەنبە كۈنى ھەر قايسى رايونلاردا ھۆل-يېغىننىڭ ئاشقانلىقىنى ۋە بىر قانچە شەھەرنىڭ نورمالسىز ھاۋارايى شارائىتى خەۋپى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان.

ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئاپەتنى باشقۇرۇش ئاگېنتلىقى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۇماترا ئارىلىدا داۋاملىشىۋاتقان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ۋەقەلىرىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 502 گە يەتكەنلىكىنى، 508 كىشىنىڭ بولسا تېخىچە ئىزدىرىكى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاگېنتلىق، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئالتە كۈندىن بېرى يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنى تېپىش ئۈچۈن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سانلىق مەلۇماتلار يەنە 646 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 1 مىليون 100 مىڭ كىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى، يۈزلىگەن ئۆينىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ۋە كەلكۈن سەۋەبىدىن 290 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

تەسىرگە ئۇچرىغان نۇرغۇن رايونلارغا ھازىرغىچە يېتىپ بارغىلى بولمىدى. ئىزدەش ئەترەتلىرى ھەم قۇرۇقلۇقتىن، ھەم ھاۋادىن يوقاپ كەتكەنلەرنى تېپىشقا تىرىماقتا، ئەمما يەر شەكلىدىكى قىيىن شارائىتلار تۈپەيلىدىن ئېغىر تىپلىق ماشىنىلاردىن زۆرۈر ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايۋاتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Indonesia, Thailand, and Sri Lanka race to find missing as flooding death toll tops grim 900 mark
ئىزدىنىڭ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى