سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
ئامېرىكا ۋە ئىران رەھبەرلىرىنىڭ شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ بېرىشى بىلەن تەڭ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشقا ئالاقىدار يېڭى نۆۋەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ يەكشەنبە كۈنى باشلىنىشى كۈتۈلمەكتە.
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جېي دى ۋانس 2026-يىلى 20-ئىيۇن ئامېرىكا مارىلاند شتاتىدىكى ئېندريۇس بىرلەشمە بازىسىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلماقتا. / Reuters

ئىككى تەرەپ سۆھبەت باشلاش ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقاندا دەل مۇشۇ لەھزىلەردە لىۋاندىكى جىددىي ۋەزىيەت كۈچلۈك دىققەت تارتىۋاتقان بولۇپ، تېھران دائىرىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياۋروپاغا يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جې دى ۋانس: «يادرو مەسىلىسىدە ۋە لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىدىغان ئىككى مۇھىم نۇقتا دەل مۇشۇلار» دېدى.

ئەسلىدە، داۋاملىشىۋاتقان بۇ سۆھبەتلەر جۈمە كۈنى شىۋىيېتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئىدى؛ بىراق، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قاراتقان ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن، ئاخىرقى مىنۇتلاردا كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.

ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن ھاسىل قىلغان دەسلەپكى كېلىشىمنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرىدىن بىرى بولغان ئۇرۇش توختىتىش تەدبىرىنىڭ جۈمە كۈنى قايتىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىران مەركىزىي ھەربىي ئىشلار قوماندانلىقى بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ھەمدە زىئونىست رېجىمىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۈزلۈكسىز ۋە رەھىمسىزلەرچە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ پاراخوت قاتنىشىغا تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەر شارى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز توشۇش ساھەسىدە ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ھورمۇز بوغۇزى ئۇرۇشنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىران تەرىپىدىن تاقالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال يەر شارى ئېنېرگىيە بازارلىرىدا زور تەۋرىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

كېيىنچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان ئىمزالىغان دەسلەپكى كېلىشىم رامكىسى ئاستىدا تېھران دائىرىلىرى بۇ بوغۇزنى قايتىدىن ئېچىشقا قوشۇلغان، شۇنىڭ بىلەن دېڭىز قاتنىشىمۇ ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان ئىدى.

ئىراننىڭ يۇقىرىقى باياناتىدىن كېيىن، ئامېرىكا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار قوماندانلىقى دەرھال ئىپادە بىلدۈرۈپ، خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدىن بىخەتەر ئۆتۈش لىنىيەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پىرېزىدېنت ترامپمۇ كېيىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر مۇزاكىرىچىلەر كېلىشىمنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالمىغان تەقدىردە، ۋاشىنگتوننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۆز ھوقۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ترامپ ئۆزىنىڭ Truth Social ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ھەمبەھرىلىگەن يازمىسىدا: «بۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ نامىدا يولغا قويۇلمىغىچە، ھېچقانداق ئۆتۈش ھەققى مەۋجۇت بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شىۋىيېتسارىيەدىكى قويۇق سۆھبەت كۈنتەرتىپى

ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى شەنبە كۈنى كېچىدە شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ باردى. بۇ ئۇچۇرنى ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى ۋە شىۋىيېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئارقا-ئارقىدىن جەزملەشتۈردى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەيئەت تەركىبىدە پارلامېنت رەئىسى مۇھەممەد باقىر قالىباف بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچىمۇ بار ئىكەن.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىسمائىل بەقائىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەكىللەر ئۆمىكى كېلىشىم رامكىسىغا ئاساسەن «قارشى تەرەپنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئادا قىلىشىنى ئىزچىل تەلەپ قىلىدىكەن».

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، باياناتچى بەقائى يەنە: «ئەگەر ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىنمىسا، كېلىشىمنىڭ پۈتۈنلۈكى ئېغىر خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋانس يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە شىۋىيېتسارىيەدىكى ئېممېن ئاۋىياتسىيە بازىسىغا يېتىپ باردى. ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەزكۇر دۆلەتتە پەقەت «بىر ياكى ئىككى كۈن»لا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ۋانس شەنبە كۈنى Fox News قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكالىق مۇزاكىرىچىلەردىن جارېد كۇشنېر بىلەن ستېۋ ۋىتكوفنىڭ نۆۋەتتە «بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەر» ئۈستىدە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەدە ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە «ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتقانلىقى»نى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئويناۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان پاكىستان، ئۆزلىرىنىڭ باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف ۋە باش ئىشتاب باشلىقى ئاسىم مۇنىرنىڭ يەكشەنبە كۈنى شىۋىيېتسارىيەگە يولغا چىققانلىقىنى؛ ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىران ۋەكىللىرى شۇنداقلا قاتارغا ئوخشاش باشقا ۋاسىتىچىلەرمۇ قاتنىشىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر سۆھبەتلەر ئارقىلىق، ئالدى بىلەن ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئوخشاش تۇنجى كېلىشىمدە تولۇق ھەل قىلىنالمىغان مەسىلىلەرنىڭ چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىنىشى؛ شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئىككى ئاي داۋاملىشىدىغان بىر سۆھبەت مۇساپىسىنى باشلاش مەقسەت قىلىنماقتا.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: بىزنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجىمىز يوق ئىدى، مەن پەقەت ئۇلارنى سىنىماقچى ئىدىم
ناتو رەھبەرلىرى بۈگۈن شىمالىي قۇتۇپ رايونى، ئىران ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
مىچوتاكىس ئەنقەرەدە «ئالاقىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» سىگنالى بەردى
ماگيار: ۋېنگىرىيە ئۇكرائىناغا قورال ياكى ئەسكەر ئەۋەتمەيدۇ
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرى بىلەن باشلاندى
دۇران: تۈركىيە ناتونىڭ ھەرىكەت كۈچىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالماقتا
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ئەلى خامەنېينىڭ دەپنە مۇراسىمى باشلاندى، تۈمەنلىگەن خەلق ئۆچ ئېلىش شوئارى توۋلىدى
ئىران ئارمىيەسى قوماندانى ھاتەمى: خامەنېينىڭ ئىنتىقامىنى ئالىمىز
كىيېۋدا تۈنۈگۈنكى رۇسىيە ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 30 غا يەتتى
ۋېنېزۇئېلادا جېنىدىن ئايرىلغانلار 2500 دىن ئاشتى
ترامپ: مېنىڭچە  ئىران بىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننى سۇيىقەست توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز
ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى 6 مىليارد دوللارلىق مال-مۈلۈك سۆھبىتى قايتا باشلىنىدۇ
پاكىستان ئافغانىستاندىن قويۇپ بېرىلگەن 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
ئىران چېگراغا ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇردى
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا تەۋە 400 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۈق
ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىرانلىقلار بىلەن ئەمەس، مۇرەسسەچىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ