تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
بىشكەكتە 10-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قىرغىزىستان تۈرك كىنو كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ
بۇ تەشكىلات تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە تۇرىزم مىنىستىرلىكى ۋە قىرغىزىستان مەدەنىيەت، ئاخبارات ۋە ياشلار سىياسىتى مىنىستىرلىكىنىڭ قوللاشلىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
بىشكەكتە 10-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قىرغىزىستان تۈرك كىنو كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ
بىشكەكتە 10-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قىرغىزىستان تۈرك كىنو كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان «تۈركىيە-قىرغىزىستان تۈرك كىنو كۈنلىرى»، بۇ يىل 10-قېتىملىق تەرەققىياتى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىلەن قىرغىزىستان مەدەنىيەت، ئۇچۇر ۋە ياشلار سىياسىتى مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان پائالىيەت، كىنوچىلىق باشقارمىسى، قىرغىزىستان كىنوچىلىق ئىدارىسى، بىشكەك ئەلچىخانىسى ۋە «يەرلىك پىكىر جەمئىيىتى»نىڭ ھەمكارلىقىدا 3 – ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

فېستىۋال رامكىسىدا قويۇلىدىغان بارلىق كىنو پىروگراممىلىرى، 5 كۈن بويىچە قىرغىز خەلقىنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن ھەقسىز بولىدۇ.

ئىلمىي پائالىيەت سۈپىتىدە، ئۇنىۋېرسىتېت سۆھبەتلىرى، فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە رېژىسسورلار ئۇچرىشىشلىرى، مەدەنىيەت ساياھەتلىرى بىلەن ساھەلىك پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كىنوچىلىق ساھەسىدىكى خەلقئارالىق ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانلىنىدۇ.

فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، كىنوچىلىق باشقارمىسى باشلىقى بىرول گۈۋەننىڭ قاتنىشىشى بىلەن 3-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى بىشكەكتىكى ئالائۆ-تو (Alaa-Too) كىنوخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئېچىلىشتا «بىز خۇشالمۇ» (Mutluyuz Mu) فىلىمى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. كېنونىنىڭ ئېچىلىش كېچىلىكىگە فىلىمنىڭ باش رولچىسى ئىبراھىم بۈيۈكاك، فىلىم ئىشلىگۈچىسى ھاسان كوراي شاھىن بىلەن سىنارىست ۋە رېژىسسورى مۇرات ئەمرە كامانمۇ قاتنىشىدۇ.

پائالىيەتتە يەنە، «قاراڭ پوچتىچى كېلىۋاتىدۇ» (Bak Postacı Geliyor) فىلىمىنىڭ باش رولچىسى دېنىز بارۇت بىلەن رېژىسسورى يۈكسەل ئاقسۇ، «بىر ئادەم يارىتىش» (Bir Adam Yaratmak) فىلىمىنىڭ رېژىسسورى مۇرات چەرى، «كانتو» (Kanto) فىلىمىنىڭ رېژىسسورى ئەنسار ئاقسوينىڭ يېنىدا نۇرغۇنلىغان فىلىم ئىشلىگۈچى، رېژىسسور، ئارتىس ۋە كىنو ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى ئورۇن ئالىدۇ.

فېستىۋال جەريانىدا «بىز خۇشالمۇ، قاراڭ پوچتىچى كېلىۋاتىدۇ، بىر ئادەم يارىتىش، كانتو ۋە ئەپەسنىڭ سىرى» (Mutluyuz Mu, Bak Postacı Geliyor, Bir Adam Yaratmak, Kanto ve Efesin Sırrı) ناملىق فىلىملار، بىشكەكتىكى كىنوخۇمارلار بىلان يۈز كۆرۈشىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ياۋروپانىڭ مۇزاكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئافغانىستان: «پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى»