سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى خىرىستىيان يېزىسىدا مارونىي كاتولىك راھىبىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى خىرىستىيان يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمى ئەسناسىدا قوشنىلىرىغا ياردەم بېرىۋاتقاندا يارىلانغان مارونىي كاتولىك راھىبى پىئېر ئەلراھى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى خىرىستىيان يېزىسىدا مارونىي كاتولىك راھىبىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى خىرىستىيان يېزىسىدا مارونىي كاتولىك راھىبىنى ئۆلتۈردى / AA

كاتولىك دائىرىلەر ۋە تاراتقۇلار، ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرا يېزىسى ئەلقىلاييەدىكى بىر ئۆيگە قىلغان ھۇجۇمىدا لىۋانلىق مارونىي كاتولىك راھىبى پىئېر ئەلراھىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، راھىب پىئېر ئەلراھى ھۇجۇم ئەسناسىدا قوشنىلىرىغا ياردەم بېرىۋاتقاندا يارىلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئەلراھى بۇنىڭدىن ئىلگىرى باشقا راھىبلار بىلەن بىرلىكتە، ئىسرائىلىيەنىڭ خىرىستىيان يېزىسى ئەلقىلاييەنى تارقاقلاشتۇرۇش ھەققىدىكى قانۇنسىز ھەربىي بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشنى رەت قىلغان ئىدى.

OSV ئاخبارات ئاگېنتلىقى لىۋانلىق مارونىي راھىبى جان يۇنېسنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى: «راھىب پىئېر ئەلراھى مېنىڭ يېزام دىبەھدىن ئىدى، لېكىن ئۇ مەرجايۇندىكى ئەلقىلاييە جامائىتىنىڭ راھىبى ئىدى.»

تەخمىنەن 8 مىڭ ئاھالىسى بار مارونىي يېزىسى، ئىسرائىلىيە چېگراسىغا بىرنەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان مەرجايۇن رايونىغا جايلاشقان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدا، بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدا ۋە بەقا ۋادىسىدا كەڭ كۆلەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارماقتا. لىۋان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەگە تەۋە بىر دانە «مېركاۋا» تىپلىق تانكا ئەلقىلاييەدىكى بىر ئۆينى ئۇدا ئىككى قېتىم ئوققا تۇتقان. بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا ئۆي ئىگىسى ۋە ئايالى يارلانغان.

ئەلراھى ۋە بىرنەچچە قوشنىسى تانكا قايتا ئوققا تۇتۇۋاتقاندا يارلانغانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ بارغان. راھىب ئىسرائىلىيە تانكىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمىدا يارلانغان ۋە كېيىنچە جاراھىتى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. ھۇجۇمدا نۇرغۇنلىغان لىۋانلىق پۇقرالارمۇ يارلانغان.

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى