تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى: «تېررورسىز تۈركىيە» خىزمەتلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى: «تېررورسىز تۈركىيە» خىزمەتلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلدىتۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياناتىدا «تېررورسىز تۈركىيە» ۋە «تېررورسىز رايون» خىزمەتلىرىنىڭ باھالانغانلىقى، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىدا دىيالوگنىڭ ساقلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى: «تېررورسىز تۈركىيە» خىزمەتلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلدى / Anadolu Agency (Wire)
 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى (MGK) يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ھەمبەھرىلەنگەن باياناتقا قارىغاندا، يىغىندا پ ك ك / ك ج ك – پ ي د / ي پ گ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق مىللىي بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھەمدە دۆلەت مەۋجۇتلۇقىغا قارىتىلغان ھەرقانداق تەھدىت ۋە خەۋپ-خەتەرگە قارشى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا قەتئىي ئىرادە، جاسارەت ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ۋە يېقىنقى مەزگىللەردىكى خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا كېڭەشكە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«‹تېررورسىز تۈركىيە› مۇساپىسى ۋە ‹تېررورسىز رايون› نىشانىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن كونكرېت ئىلگىرىلەشلەر ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋال باھالاندى، ‹مىللىي ھەمكارلىق ۋە ئىجتىمائىي بىر گەۋدىلىشىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قانۇن› رامكىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۆپ قاتلاملىق پائالىيەتلەرنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئىپادىلەندى. تەشكىللىك جىنايەت تەشكىلاتلىرىغا قارشى يول قويماستىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشنىڭ ھازىرقى باسقۇچى مۇزاكىرە قىلىندى؛ پۇقرالىرىمىزنىڭ تىنچلىقى، پاراۋانلىقى، جان ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى نىشان قىلىپ ئاممىۋى تەرتىپنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان گۇرۇھلارغا ھېچقانداق شەكىلدە يول قويۇلمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.»

سۈرىيە ۋە ئىراق بىلەن بولغان كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنى ھەر ساھەدە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئورتاق جۇغراپىيەدە بىخەتەر، مۇقىم، ھەممىنى باغرىغا باسىدىغان ۋە باياشات بىر كېلەچەك بەرپا قىلىش نىشانى بىلەن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بايان قىلىندى.

 

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيەنى ئاساس قىلغان ئىجادىي ھەمدە ھەل قىلىش چارىسىنى مەركەز قىلغان پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. شۇنداقلا، خەلقنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە كېلىشىملەرگە ئاساسەن ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنى قوغداش مەسىلىسىدىكى قەتئىي مەيدانىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئەزەربەيجاندىن ئۆتكۈزۈۋالغان تۈركىيەنىڭ، تۈرك دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتىلغان تىرىشچانلىقلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، يەنە تۆۋەندىكىلەر قەيت قىلىندى:

«ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن، لىۋان ۋە سۈرىيەنى نىشان قىلغان ئىشغالىيەت ۋە قوشۇۋېلىش سىياسەتلىرىنىڭ رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى؛ تىنچلىق ئورنىتىش مۇساپىلىرىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بارلىق تەرەپلەر مەسئۇلىيەتلىرىگە قارىماي قانۇنسىزلىقتا چىڭ تۇرۇۋالغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرىلدى. رۇسىيە – ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا/ئىسرائىلىيە – ئىران ئۇرۇشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەمدە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت مۇھاكىمە قىلىندى؛ رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ قارادېڭىزدىن كېيىن ئاقدېڭىزغىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى ئىپادىلەندى، تۈركىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم بولغان تىنچلىق مۇھىتىنىڭ بالدۇرراق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەر بىلەن ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. لىۋىيەنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنلۈكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا قارىتىلغان خىزمەتلەر ھەمدە بۇ ساھەدە بېسىلغان مۇساپە باھالاندى، تۈركىيەنىڭ قېرىنداش لىۋىيە خەلقىنىڭ تىنچلىقى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.»

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گۈزەل سەنئەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈرىكى پالاندۆكەندە سوقىدۇ
تۈركىيە ھەيئىتى ئەنقەرەدە ھەفتەر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى
ئىسرائىلىيەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش سۆھبەتلىرى داۋاملاشماقتا
بېنگازى پورتىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا يارىلانغان 2 لىۋىيە ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا كىچىك ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 2 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ: «ئىران بىلەن بولغان» بۇ ئۇرۇشنى خالىغان ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرالايمىز
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىدا بىر ئائىلىدىن 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىران ئامېرىكانىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
گالاتاساراي ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسىدە ئاستون ۋىللانى 1:0 يەڭدى
ئامېرىكا خۇاۋېينىڭ «سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى»نى بېكىتتى
ناتو ئەسكىشەھىردە شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
Anthropic بىلەن OpenAI نىڭ ئېلان قىلىنمىغان ئىلغار سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
پېنتاگون پاترىئوت باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىشىنى تېخى تەستىقلىمىدى
ب د ت: «غەززەدە ھەرىكەتسىز تۇرۇشنىڭ باھانىسى يوق ۋە جازاسىز قېلىشقا ئورۇن يوق»