ناتونىڭ بىرۇنسسۇم بىرلەشمە قىسىملار قوماندانلىق ئىشتابى ئەسكىشەھىردە ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە بەش ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.
قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ X ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى يازمىسىدا مۇنداق دېيىلدى:
«بۈگۈن يۈز بەرگەن تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋەقەسىدە بەش ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز. قەلبىمىز ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى، يېقىنلىرى ۋە سەپداشلىرى بىلەن بىللە. تۈركىيەنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىمىز، ماتەم كۈنلىرىدە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىمىز.»
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەسكىشەھىردە مەشىق ئۇچۇشى جەريانىدا ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا تەۋە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىپ بەش ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.














