تەنتەربىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
گالاتاساراي ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسىدە ئاستون ۋىللانى 1:0 يەڭدى
باشقا مۇسابىقىلەردە خانلىق مادرىد PSV ئېيندخوۋېننى 5:1 يەڭگەن بولسا، ئارسېنال بورۇسسىيە دورتمۇند بىلەن، مانچېستېر سىتى بولسا ناپولى بىلەن تەڭلەشتى.
گالاتاساراي ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسىدە ئاستون ۋىللانى 1:0 يەڭدى
مېھمان كوماندا قالغان مىنۇتلاردا تەڭلەشتۈرۈش توپى كىرگۈزەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن گالاتاساراي تولۇق ئۈچ نومۇرنى قولغا كەلتۈردى. / َAA
 

گالاتاساراي ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسى بىرلەشمە باسقۇچىنىڭ بەشىنچى ھەپتىلىك مۇسابىقىسىدە ئۆز مەيدانىدا ئەنگلىيە ۋەكىلى ئاستون ۋىللانى 1:0 يېڭىپ، بۇ مۇسابىقىدە ئۇدا ئۈچىنچى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

ئىستانبۇلدىكى «RAMS Park» تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا توپ كىرمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا توپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن گالاتاساراي 62-مىنۇتتا تۈرك ھۇجۇمچى دەنىز گۈلنى، 74-مىنۇتتا بولسا، بىرازىلىيەلىك گابرىئېل سارانى مەيدانغا چۈشۈردى.

ماھىر ئالماشتۇرۇش 77-مىنۇتتا ئۈنۈم بەردى. سارا ئوڭ تەرەپتىن تەپكەن بۇلۇڭ توپىنى ۋىلفرىد سىنگو كاللىسى بىلەن ۋارتا ئالدىغا چۈشۈرۈپ بەردى.

ئاستون ۋىللا ماھىرى نىكولاس جاكسونغا تېگىپ يۆنىلىشى ئۆزگەرگەن توپقا تېز ئىنكاس قايتۇرغان دەنىز گۈل يېقىن ئارىلىقتىن كاللا توپى ئۇرۇپ، گالاتاساراينى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى.

قالغان مىنۇتلاردا مېھمان كوماندا تەڭلەشتۈرۈش توپىنى كىرگۈزەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن گالاتاساراي مەيداندىن ئۈچ نومۇر بىلەن ئايرىلدى.

بۇ غەلىبە ئارقىلىق گالاتاساراي بەش مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن نومۇرىنى توققۇزغا يەتكۈزۈپ، توققۇز نومۇردا قالغان ئاستون ۋىللا بىلەن تەڭلەشتى.

ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالتىنچى ھەپتىسىدە گالاتاساراي 8-دېكابىر مېھمان مەيداندا ئافىنا AEK كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئاستون ۋىللا بولسا، شۇ كۈنى ئۆز مەيدانىدا پارىس ساينت-ژېرماننى كۈتۈۋالىدۇ.

باشقا نەتىجىلەر

ئىسپانىيە ۋەكىلى خانلىق مادرىد دەسلەپتە توپ كەتكۈزۈپ ئارقىدا قالغان مۇسابىقىدە PSV ئېيندخوۋېننى 5:1 يېڭىپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى بارلىق مەيدانلاردا غەلىبە قىلىش نەتىجىسىنى ساقلاپ قالدى.

ئارسېنال بورۇسسىيە دورتمۇند بىلەن 1:1 تەڭلەشتى. باش مەشقاۋۇل مىكېل ئارتېتا توپ كىرگۈزۈشنىڭ ھالقىلىق پۇرسەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويغان ۋىكتور گيۆكېرېسنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولدى.

رايان شەركىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا كىرگۈزگەن تەڭلەشتۈرۈش توپى مانچېستېر سىتىنى ناپولىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن قۇتقۇزدى. بىراق 2:2 نەتىجىلىك بۇ تەڭلىشىش ئەنگلىيەنىڭ بۇ داڭلىق پۇتبول كۇلۇبى دۇچ كېلىۋاتقان مەيدان ئىچى ۋە سىرتىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېنىكلىتىشكە يەتمىدى.

ئىزدىنىڭ
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ يېڭى يىلدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەڭ ئېنىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىن ناتوغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى
مىنىستىر بولات ئېكسپورتتا ئاخىرقى 6 ئايدا بارلىق ئايلىق رېكورتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلىپ، 52 كىشى يارىلاندى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى
ترامپ: پۇتىن ئۇرۇشنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ
ئىسلام 2035-يىلى دۇنيادىكى ئېتىقادچىسى ئەڭ كۆپ دىنغا ئايلىنىشى مۇمكىن