ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكادىكى بىر زاسېداتېللار ھەيئىتى خىتاينىڭ تېلېگراف ساھەسىدىكى گىگانت شىركىتى خۇاۋېينى سودا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاش ۋە بانكا ئالدامچىلىقى جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيبىلىگەن.
نيۇيورك فېدېراتسىيە سوتىدا ئۈچ ئاي داۋاملاشقان سوتتىن كېيىن چىقىرىلغان بۇ مۇھىم ھۆكۈمگە ئاساسەن، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقارغۇچىسى خۇاۋېي سودا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرۈش، بانكا ئالدامچىلىقى ۋە ئامېرىكانى ئالداش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرۈش قاتارلىق 12 تۈرلۈك ئەيىبنىڭ 10 ىدا جىنايەت سادىر قىلغان دەپ بېكىتىلگەن.
بىراق شىركەت تېخىمۇ ئېغىر ھېسابلىنىدىغان جىنايەت تەشكىلاتى قۇرۇش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرۈش ۋە ئەدلىيە خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش دېگەندەك ئەيىبلەشلەردىن ئاقلانغان.
ئامېرىكا باش تەپتىشى تود بىلانش رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ: «ھېچقانداق شەخس ياكى شىركەت قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەس. خۇاۋېي ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئۈچ ئورۇن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئامېرىكادىكى پائالىيەتلىرىنى يالغانچىلىق ۋە ئوغرىلىق ئۈستىگە قۇردى» دېدى.
كارخانا جاسۇسلۇقى
تەپتىشلەر خۇاۋېينىڭ مەخسۇس تېخنىكىلىق ئۇچۇرلارغا قانۇنسىز ئېرىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا ئۆزىگە يۆتكەپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قولغا كىرگۈزۈلگەن بۇ بىلىم مۈلۈكلىرى خىتاي شىركىتىنىڭ رىقابەتچىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، بازاردا تېخىمۇ تۆۋەن باھادا سېتىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن.
ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «قانۇنغا خىلاپ ھالدا قولغا كىرگۈزۈلگەن بىلىم مۈلۈكلىرى سودا مەخپىيەتلىكى ھېسابلىنىدىغان ئۇچۇرلار، شۇنداقلا تور يوللىغۇچلىرىنىڭ مەنبە كودى، ئىشلىتىش قوللانمىلىرى، ئانتېننا تېخنولوگىيەسى ۋە ماشىنا ئادەم سىناق تېخنولوگىيەسى قاتارلىق نەشر ھوقۇقى بىلەن قوغدىلىدىغان ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.
فېدېراتسىيە تەپتىشلىرى خۇاۋېينىڭ رىقابەتچىلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن خىزمەتچىلىرىگە نەق پۇل مۇكاپاتى بېرىدىغان شىركەت ئىچى پىروگراممىسى يولغا قويغانلىقىغا دائىر دەلىللەرنى سۇندى.
باش تەپتىش ياردەمچىسى تايسېن ئا. دۇۋا بۇ ھۆكۈمنىڭ «ناھايىتى ئېنىق بىر سىگنال بەرگەنلىكى»نى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدىغان، ھىيلە ئىشلىتىدىغان ۋە ئوغرىلىق قىلىدىغان چىرىك چەت ئەل شىركەتلىرىگە قارشى ئۆز كارخانىلىرىنى قوغدايدۇ، خىزمەتچىلىرىنى ھىمايە قىلىدۇ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى.
ترامپ ھۆكۈمىتى خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى نامىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇزۇندىن بۇيان بۇ شىركەتنى كۆزىتىپ كېلىۋاتاتتى.
ۋاشىنگتون دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، خەلقئارادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ 5G تور ئۇل ئەسلىھەلىرىگە كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن ئىزچىل بېسىم ئىشلەتمەكتە.











