ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، موھاممەدنىڭ «پەلەستىن خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىش خەلقئارا كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پىروگراممىدا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسقا ۋاكالىتەن قىلغان سۆزىگە ئورۇن بېرىلدى. پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىززەت-ئابرۇي، ئادالەت ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن موھاممەد، غەززەدە ئون مىڭلىغان ئىنساننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، مەكتەپ، ئۆي ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ خارابىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئاتالمىش ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئەجەللىك زوراۋانلىق ۋە يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشلار بۈگۈنمۇ داۋاملاشماقتا» دېدى.
ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ چىدىغۇسىز بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە غەربىي قىرغاقتىكى ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان موھاممەد، «E1 ئولتۇراق رايونى پىلانى» غا ئوخشاش قانۇنسىز كېڭىيىشلەرنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي توختىتىلىشى ۋە ب د ت ياردەم ئورگىنى (UNRWA) خادىملىرىنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.














