خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پېنتاگون پاترىئوت باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىشىنى تېخى تەستىقلىمىدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت خېگسېتنىڭ ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىشى قارار قىلىنغان تەخمىنەن 60 دانە پاترىئوت ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئەۋەتىلىشىنى تېخى تەستىقلىمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
پېنتاگون پاترىئوت باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىشىنى تېخى تەستىقلىمىدى
پېنتاگون پاترىئوت باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىشىنى تېخى تەستىقلىمىدى / Reuters (Wire)
 

«Financial Times» گېزىتىنىڭ مەنبەلەرگە تايىنىپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن، ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغان PAC-3 ۋە PAC-2 تىپلىق تەخمىنەن 60 پاترىئوت باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى پېنتاگوننىڭ ئېكسپورت رۇخسىتىنى كۈتمەكتە. مەنبەلەر، ئەۋەتىشنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتنىڭ تەستىقلىماسلىقى سەۋەبىدىن كېچىككەنلىكىنى، سېنتەبىردىن دېكابىرغىچە تاپشۇرۇلۇشى پىلانلانغان تۆت تۈركۈمدىكى ماللارنىڭ ھېچقايسىسىغا تېخى رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا پېنتاگوننىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئۆز پاترىئوت بومبىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا رۇخسەت بېرىش جەريانىنىمۇ تېخى تاماملىمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇكرائىنالىق مەنبەلەر بومبىلارنىڭ ئەۋەتىلىشىگە رۇخسەت بېرىلمەسلىكى ۋە Starshield غا سۈرئەت چەكلىمىسى قويۇلۇشى قاتارلىق قەدەملەرنى ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان سۆھبەتلەردىكى ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ماسلاشتۇرۇلغان بىر تىرىشچانلىق دەپ باھالىدى. ئەمەلدارلار بۇ قەدەملەرنىڭ كىيېۋنى رۇسىيەگە زېمىن جەھەتتىن يول قويۇشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. پېنتاگوننىڭ بىر ئەمەلدارى بولسا ئامېرىكانىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئۇكرائىنا بىلەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىنى تېزلىتىش ئۈچۈن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى
مىنىستىر بولات ئېكسپورتتا ئاخىرقى 6 ئايدا بارلىق ئايلىق رېكورتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلىپ، 52 كىشى يارىلاندى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى
ترامپ: پۇتىن ئۇرۇشنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ
ئىسلام 2035-يىلى دۇنيادىكى ئېتىقادچىسى ئەڭ كۆپ دىنغا ئايلىنىشى مۇمكىن
تۈركىيە شەنگەن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
«قىزىلئەلما» دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە-قاتار ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى ھەققىدە بايانات بەردى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا قاتناشمىغان يىغىنلاردا ئۇكرائىنا ھەققىدە قارار چىقىرىش چوڭ خاتالىقتۇر
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى