موسكۋادىكى پارتلاشتا قوماندان ۋە ياردەمچىسى ئۆلدى

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا بىر بىنانىڭ كىرىش قەۋىتىدىكى پارتلاشتا قوراللىق قىسىملار رادىياتسىيە، خىمىيەلىك ۋە بىئولوگىيەلىك مۇداپىئە قىسىملىرى قوماندانى ئىگور كىرىللوۋ ۋە ياردەمچىسى ئۆلدى.

موسكۋادىكى پارتلاشتا قوماندان ۋە ياردەمچىسى ئۆلدى / TRT Uyghur

رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ريازان كوچىسىدىكى بىر بىنانىڭ كىرىش قەۋىتىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، قول بومبىسىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە قوراللىق قىسىملار رادىياتسىيە، خىمىيەلىك ۋە بىئولوگىيەلىك مۇداپىئە قىسىملىرى قوماندانى ئىگور كىرىللوۋ ۋە ياردەمچىسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.