غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
بېن گۋىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيە ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى بېن گۋىر قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى.
بېن گۋىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرگە جازا يۈرگۈزگەن بىر پەيتتە، بېن گۋىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «يەھۇدىي دۈشمىنى» دەپ ئاتىدى. (سۈرەت: ئارخىپ) / AFP
 

ئىسرائىلىيە ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ئىتامار بېن گۋىر، ياۋروپا دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى زوراۋانلىقلار سەۋەبىدىن قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قوبۇل قىلىشىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئەيىبلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى بېن گۋىر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىقنى سەۋەب كۆرسىتىپ ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى.

بېن گۋىر ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «يەھۇدىيلارغا ئۆچ بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەخلاقىي قارار چىقىرىشىنى كۈتۈش، كۈننىڭ غەربتىن چىقىشىنى كۈتكەنگە ئوخشاشلا بىر ئىش» دېدى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئۆزىنى قوغداۋاتقانلارنىڭ پۇت - قولىنى چۈشەپ قويۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى.

ۋېنگىرىيەدىكى ھۆكۈمەت ئۆزگىرىشىنىڭ ئايلاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توسۇقنى ئاخىرلاشتۇرۇشى بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دۈشەنبە كۈنى يېڭى ئېمبارگولار مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

دىپلوماتىك ئىنكاس

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئىشلىرى مەسئۇلى كايا كاللاس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئېغىر ۋەزىيەتتىن نەتىجىگە ئۆتۈش ۋاقتى كەلگەن ئىدى. ئاشقۇنلۇق ۋە زوراۋانلىقنىڭ بەدىلى بولىدۇ» دېدى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېئان نوئېل بارروت، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق خاراكتېرلىك مۇستەملىكىچىلىكنى قوللاشتا جىنايەت سادىر قىلغان ئاساسلىق ئىسرائىلىيە تەشكىلاتلىرىغا ۋە رەھبەرلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى» بىلدۈردى.

بۇ قارارغا ئاساسەن 7 قانۇنسىز كۆچمەن ياكى ئورگان قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

ئىسرائىلىيە يېڭى تەدبىرلەرنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، يەھۇدىيلارنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىدېئون سائار X سەھىپىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگولارنى «خالىغانچە ۋە سىياسىي مەقسەتتە» يۈرگۈزۈش يولىنى تاللىغانلىقىنى يازدى؛ بېن گۋىر بولسا ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىشنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسرائىلىيە زېمىنلىرىدا قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە كۆچمەنلەرنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

ئىزدىنىڭ
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى
مىنىستىر بولات ئېكسپورتتا ئاخىرقى 6 ئايدا بارلىق ئايلىق رېكورتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلىپ، 52 كىشى يارىلاندى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى
ترامپ: پۇتىن ئۇرۇشنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ
ئىسلام 2035-يىلى دۇنيادىكى ئېتىقادچىسى ئەڭ كۆپ دىنغا ئايلىنىشى مۇمكىن
تۈركىيە شەنگەن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
«قىزىلئەلما» دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە-قاتار ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى ھەققىدە بايانات بەردى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا قاتناشمىغان يىغىنلاردا ئۇكرائىنا ھەققىدە قارار چىقىرىش چوڭ خاتالىقتۇر
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى