ئىراندا ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ بىر ئۇچقۇچى قازا قىلدى

ئىراننىڭ ھەمەدان ئۆلكىسىدە مەشىق قىلىۋاتقان بىر ئۇرۇش ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە بىر ئۇچقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

By
ھادىسە ترامپنىڭ ئىرانغا ئاخىرقى شەرت قويۇپ، ئوتتۇرا شەرقتا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەردى. / Reuters

ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ئايروپىلان يېرىم كېچىدىكى مەشىق ئۇچۇشى جەريانىدا كاشىلا چىقىپ چۈشۈپ كەتكەن. ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى (IRIB) ئايروپىلاندىكى ئىككى ئۇچقۇچىدىن بىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە قازانىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ۋەقە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي جىددىيچىلىك ئەۋجىگە چىققان، ترامپ ھۆكۈمىتى تېھرانغا «15 كۈنلۈك مۆھلەت» بەلگىلىگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئىراننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەمىر سەئىد ئىراۋانى ب د ت غا ئەۋەتكەن مەكتۇپىدا، ئامېرىكانىڭ تاجاۋۇزچىلىق نىيىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا بۇنىڭ رايون ئۈچۈن پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىلگىرىكى سۆھبەت تەشەببۇسلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشى بىلەن مەغلۇپ بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا 12 كۈنلۈك كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەرگەنىدى.