خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ھاماس غەززەدىكى بىر شايكا باشلىقىنى تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇدى
ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى تالان-تاراج قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ياسىر ئەبۇ شەبابنىڭ «ئىنقىلابىي سوت»تا سوتلىنىش ئۈچۈن تەسلىم بولۇشىغا 10 كۈن مۆھلەت بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ھاماس غەززەدىكى بىر شايكا باشلىقىنى تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇدى
/ AP
 

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى تالان-تاراج قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان غەززەدىكى بىر شايكا باشلىقىغا تەسلىم بولۇشى ئۈچۈن 10 كۈن مۆھلەت بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، چارشەنبە كۈنى «ئىنقىلابىي سوت» تەرىپىدىن چىقىرىلغان بۇ قارارنىڭ، ھاماسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان، ياخشى قوراللانغان بىر بەدەۋىي شايكىنىڭ باشلىقى ياسىر ئەبۇ شەباب بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئەبۇ شەباب ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي كونتروللۇقىدىكى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ رايونىدا دەپ پەرەز قىلىنماقتا.

سوت مەھكىمىسى پەلەستىنلىكلەرنى ئەبۇ شەبابنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى ھاماس خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا مەلۇم قىلىشقا چاقىردى.

ئەبۇ شەباب گۇرۇھى تەسلىم بولۇش بۇيرۇقىغا قارىتا ئاشكارا ھالدا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.

ھاماس ئەبۇ شەبابنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ ياردەم ئاپتوموبىل ئەترىتىنى تالان-تاراج قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ھاماس ئەڭ سەرخىل جەڭچىلىرىنى ئەبۇ شەبابنى يوقىتىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

گەرچە ئىسرائىلىيە غەززەدە ھاماسقا قارشى بەزى گۇرۇھلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قايسى گۇرۇھلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى: سىستېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن
كولومبىيەدىكى بىر باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، 12 ئەسكەر يارىلاندى
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ يېڭى يىلدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەڭ ئېنىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىن ناتوغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى
مىنىستىر بولات ئېكسپورتتا ئاخىرقى 6 ئايدا بارلىق ئايلىق رېكورتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلىپ، 52 كىشى يارىلاندى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى