خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «كېيىنكى ئۇچۇرغىچە» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى، سودا پاراخوتىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەدىن كېيىن، ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىدىكى دېڭىز قاتنىشىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «كېيىنكى ئۇچۇرغىچە» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «كېيىنكى ئۇچۇرغىچە» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىران دۆلەت تاراتقۇسى IRIB نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى دېڭىز ئارمىيەسى ھورمۇز بوغۇزىنى «كېيىنكى ئۇقتۇرۇشقىچە» ۋاقىتلىق تاقىغان.

ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تاراتقۇسى خەۋەر قىلغان بىر باياناتتا، ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى دېڭىز ئارمىيەسى، تاشقى ئارىلىشىشلارنىڭ ۋە بوغۇز ئارقىلىق پاراخوت ئۆتۈشى ئۈچۈن «قانۇنسىز بىر يۆنىلىش» بەلگىلەش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ قاتتىق قايتۇرما زەربىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

باياناتتا، تۈرلۈك پاراخوتلارنىڭ ئۆز يۆنىلىشلىرىنى تۈزىتىش ۋە بېكىتىلگەن يۆنىلىش دائىرىسىدە ئىلگىرىلەش توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەنت قىلمىغانلىقى تىلغا ئېلىندى ھەمدە ئۆز سىستېمىلىرىنى تاقاپ دېڭىز بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر پاراخوتنىڭ بولسا، ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئېتىلغاندىن كېيىن توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى دېڭىز قىسمى، رايوندىكى ئامېرىكا مۇداخىلىسى ئاخىرلاشقۇچە ھېچقانداق پاراخوتنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى يەنە، رايوندىكى يېڭى دۈشمەن بازىلىرى دەپ تەرىپلىگەن ئورۇنلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ھەر قانداق يېڭى ھۇجۇم ياكى دەپسەندىچىلىكنىڭ قاتتىق جاۋابقا دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى دېڭىز قىسىملىرى يەكشەنبە كۈنى سەھەردە، رۇخسەتسىز يۆنىلىشنى ئىشلىتىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بېكىتكەن بىر پاراخوتقا ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتقاندىن كېيىن، ھورمۇز بوغۇزىنى يېڭى بىر ئۇچۇرغىچە تاقىغانلىقىنى  ئېلان قىلغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran's supreme leader vows to avenge Ali Khamenei's killing
ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»