سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ شەرقىي تىنچ ئوكياندىكى «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى.
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى / Reuters

ئامېرىكا جەنۇبىي قۇماندانلىق ئىشتابى شەرقىي تىنچ ئوكياندا «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر ھاۋا ھۇجۇمىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن چېتىشلىقى بار بىر پاراخوتنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى ۋە ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا جەنۇبىي قۇماندانلىق ئىشتابى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ جەنۇبىي قۇماندانلىق ئىشتابىنىڭ قۇماندانى لېيتېنانت گېنېرال فىرانسىس L. دونوفاننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن 26-ئاپرېلدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«<جەنۇبىي نەيزە بىرلەشمە ۋەزىپە ئۆتەش ئەترىتى> تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر پاراخوتىغا ئەجەللىك زەربە بەردى.

ئىستىخبارات مەلۇماتلىرى مەزكۇر پاراخوتنىڭ مەلۇم زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى لىنىيەلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ۋە <زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى> نى ئىسپاتلاپ بەردى.

ھەرىكەت جەريانىدا ئۈچ نەپەر زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىسى ئۆلتۈرۈلدى. ھەرىكەت جەريانىدا ھېچقانداق ئامېرىكا ھەربىي خادىمى زىيانغا ئۇچرىمىدى.»

ھۇجۇم قىلىنغان ئېنىق ئورۇن، ۋەقەگە چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ كىملىكى ياكى نىشان قىلىنغان پاراخوتنىڭ تىپىغا ئائىت باشقا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»