خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ۋېنېزۇئېلادىكى «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىدۇ
پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنى دېڭىزدا ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ۋە قۇرۇقلۇق ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلاشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ترامپ: ۋېنېزۇئېلادىكى «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىدۇ
ترامپ: ۋېنېزۇئېلادىكى «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىدۇ / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ «ناھايىتى تېز ئارىدا» قۇرۇقلۇقتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن گۇمانلىنىلىۋاتقان ۋېنېزۇئېلالىق زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تور سۆھبىتىدە: «ئېھتىمال بايقاپ قالدىڭلار، كىشىلەر ئەمدى دېڭىز يولى ئارقىلىق مال توشۇشنى خالىمايۋاتىدۇ، بىز ئۇلارنى قۇرۇقلۇق يوللىرىدىمۇ توسۇشنى باشلايمىز. قۇرۇقلۇق (بۇ جەھەتتە) تېخىمۇ ئوڭاي، ئەمما بۇ ئىش ناھايىتى تېز ئارىدا باشلىنىدۇ» دېدى.

ۋېنېزۇئېلا ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇرۇش تەلىپىگە دەرھال جاۋاب بەرمىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى نىكولاس مادۇرونى ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان قانۇنسىز زەھەرلىك چېكىملىكلەر بىلەن تەمىنلەشتە رولى بار دەپ ئەيىبلەپ، بۇ مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ۋېنېزۇئېلاغا ئالاقىدار تاللاشلارنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

مادۇرو قانۇنسىز زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى قەتئىي رەت قىلماقتا.

رايوندىكى ئامېرىكا قىسىملىرى گەرچە قول ئىلكىدىكى قورال - ياراغ كۈچى بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن خېلىلا يۇقىرى بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئاساسلىقى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەنلا چەكلەندى.

ئامېرىكا قىسىملىرى سېنتەبىردىن بۇيان كارىب دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياندا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن پاراخوتلارغا كەم دېگەندە 21 قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندە 83 كىشىنى ئۆلتۈردى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ۋېنېزۇئېلا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ كارىب دېڭىزىغا قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىرگە، ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان بىرەر ھەربىي ھەرىكەتكە ئالاقىدار خەۋەرلەر يېقىنقى ھەپتىلەردە ناھايىتى تېز كۆپەيدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقى تۆت نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ئالاقىدار ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ يېڭى بىر باسقۇچىنى باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىزدىنىڭ
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ