سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ مامدانىنىڭ مالىيە ياردىمىنى كېسىدىغانلىقى ئېيتىپ تەھدىت سالدى
ترامپ مامدانىنىڭ نىيۇ يورك شەھەر باشلىقلىقى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان تەقدىردە، فېدېرال مەبلەغنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.
ترامپ مامدانىنىڭ مالىيە ياردىمىنى كېسىدىغانلىقى ئېيتىپ تەھدىت سالدى
Zohran Mamdani is ahead of his main rival, former New York Governor Andrew Cuomo, on the eve of Tuesday's vote, opinion polls indicate. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان نىيۇ يوركنىڭ شەھەر باشلىقى نامزاتى زوھران مامدانىنىڭ سايلىنىپ قالغان ئەھۋالدا، ئۆزىنىڭ يۇرتى بولغان نىيۇ يوركقا ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغنى كېمەيتىدىغانلىقى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

جۇمھۇرىيەتچى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دېموكرات نامزات زوھران مامدانى سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان نىيۇ يورك شەھەر باشلىقلىقى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان تەقدىردە، نىيۇ يورك شەھىرىگە ئاجرىتىلىدىغان فېدېرال مەبلەغنى كېمەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ دۈشەنبە كۈنى «Truth Social» سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئەگەر كوممۇنىست نامزات زوھران مامدانى نىيۇ يورك شەھەر باشلىقلىقى سايلىمىدا غەلىبە قىلسا، ئۇ بىر كوممۇنىست بولغاچقا، بىر مەزگىللىك بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش پۇرسىتى نۆلگە تەڭ بولىدۇ، شۇڭا مېنىڭ قەدىرلىك تۇنجى يۇرتۇمغا زۆرۈر بولغان ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىن باشقا، فېدېرال مەبلەغ ئاجرىتىشىم ناتايىن! بىر كوممۇنىستنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىشلار پەقەت تېخىمۇ ناچارلىشىشى مۇمكىن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

نىيۇ يورك ئىشتاتى پارلامېنتىنىڭ كۇئىنس 36-رايونىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەزاسى مامدانى، تۇرالغۇ ئىسلاھاتى، ئاممىۋى قاتناشنى كېڭەيتىش ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پىروگراممىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسچىسى سۈپىتىدە تونۇلغان.

ئۆزىنى دېموكراتىك سوتسىيالىست دەپ قارايدىغان مامدانى، كونسېرۋاتىپ تەنقىدچىلەر دائىم ئىشلىتىدىغان «كوممۇنىست» دېگەن نامنى رەت قىلىدۇ.

ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرى نىيۇ يورك شەھەر باشلىقلىقى سايلىمىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا قەدەم قويغان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقتى. بالدۇر بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقان بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى بەش مىليوندىن ئارتۇق رويخەتكە ئېلىنغان سايلىغۇچى شەھەرنىڭ كېيىنكى باشلىقىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلاشقا تەييارلانماقتا.

ئاممىۋى راي سىناش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، مامدانى نىيۇ يوركنىڭ سابىق ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇومو ۋە جۇمھۇرىيەتچى نامزات كۇرتىس سلىۋادىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

2021-يىلى جىنسىي پاراكەندىچىلىك سەتچىلىكى سەۋەبىدىن ۋالىيلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن كۇومو، ئىيۇن ئېيىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى سايلىمىدا مامدانىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، مۇستەقىل نامزات سۈپىتىدە رىقابەتلەشمەكتە.

ترامپ سلىۋاغا بېرىلگەن ھەر بىر بېلەتنىڭ پەقەت مامدانىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى كۇومونى قوللاشقا چاقىردى. «ئاندرېۋ كۇومونى شەخسەن ياقتۇرىدىغان-ياقتۇرمايدىغانلىقىڭىز مۇھىم ئەمەس، راستىنى ئېيتقاندا باشقا تاللىشىڭىز يوق. ئۇنىڭغا بېلەت تاشلىشىڭىز ۋە ئۇنىڭ قالتىس خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشىڭىز كېرەك» دەپ يازدى.

ئوبامانىڭ قوللىشى

مامدانى 24-ئىيۇندىكى دەسلەپكى سايلامدا قولغا كەلتۈرگەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان غەلىبىسى بىلەن سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرغانىدى.

شۇنىڭدىن بېرى، ئۇنىڭ نامزاتلىقى سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامالا ھاررىس ۋە نىيۇ يورك ۋالىيسى كەيتى خوچۇل قاتارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى ۋە كىچىك ئىئانە قىلغۇچىلاردىن ئۈزلۈكسىز ئىقتىسادىي ياردەم ئېقىمىغا ئېرىشتى.

مامدانىنىڭ سىياسەتلىرى نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ ئەڭ باي كىشىلىرىگە تېخىمۇ يۇقىرى باج قويۇش، كارخانا بېجىنى ئاشۇرۇش، بىنا ئىجارە ھەققى نىسبىتىنى توڭلىتىش ۋە ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بېرىدىغان تۇرالغۇلارنى كۆپەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئەھۋال پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە شەھەرنىڭ رىقابەت كۈچىنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىغا دائىر ئەندىشىلەرنى كۈچەيتتى.

مامدانىنىڭ باش كۆتۈرۈشى دېموكراتلار پارتىيەسى ئۈچۈن ھەم خەتەر ھەم پۇرسەت ئېلىپ كەلمەكتە. دېموكراتلار پارتىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن ياش سايلىغۇچىلارنى جەلپ قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئېتىراپ قىلغان بىلەن، مامدانىنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەنقىد قىلىشى ۋە دېموكراتىك سوتسىيالىزمنى تەشەببۇس قىلىشى سەۋەبىدىن، پارتىيەنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ھۇجۇملىرى ئالدىدا تېخىمۇ ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

شەنبە كۈنى، ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما جۇمھۇرىيەتچى نامزات جەك چىئاتارېللىغا قارشى كەسكىن رىقابەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقان نيۇجېرسىي ئىشتاتىنىڭ دېموكرات ۋالىي نامزاتى مايكى شېررىل بىلەن بىرلىكتە يىغىلىش ئۆتكۈزدى.

مامدانىنىڭ باياناتچىسى دورا پېكەچ: «زوھران مامدانى پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ قوللاش سۆزلىرىدىن ۋە شەھىرىمىزگە يېڭى بىر سىياسەت چۈشەنچىسى ئېلىپ كېلىش توغرىسىدىكى نۇتۇقلىرىدىن مەمنۇن بولدى» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى