بەلۇجىستان ۋە خەيبەر پاختونخۋادا مەيدانغا كەلگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 كىشى ئۆلۈپ، 25 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندىكى بۇ يېڭى ھۇجۇملار خەيبەر پاختونخۋا ئىشتاتىدا تۆت ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن بىر كۈن كېيىن يۈز بەردى.
مەسئۇللار دۈشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بەلۇجىستان ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن بىر پارتلاشتادا ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 16 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
پارتلاش پانجگۇر رايونىدا مەيدانغا كەلدى. رايوننىڭ ساقچى كونترول مەركىزىدىكى بىر مەسئۇل تېلېفوندا بەرگەن باياناتىدا، ۋەقەنىڭ «چاتكان بازاردىكى پۇقرالارنى نىشانلىغان قولدا ياسالغان بومبا پارتلىشى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ساقچى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى رايوننى تېزلىكتە قورشاۋغا ئېلىپ، دەلىل-ئىسپات توپلاش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى.
يەرلىك خەۋەر قانىلى گېئو نىيۇس (Geo News) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن باشقا بىر پارتلاشتا، دۆلەتنىڭ شىمالىي غەربىدىكى خەيبەر پاختونخۋا ئىشتاتىنىڭ لاككى مارۋات رايونىدا، بىر سېمونت زاۋۇتىغا تەۋە ئاپتوموبىل ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان بولۇپ، قولدا ياسالغان بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلگەن، توققۇز كىشى يارىلاندى./
ھۇجۇملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھازىرغىچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.
بۇ ۋەقەلەر خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىدىكى ئىككى ئايرىم ھۇجۇمدا تۆت ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن بىر كۈن كېيىن مەيدانغا كەلدى.
يەكشەنبە كۈنى، لاككى مارۋات رايونىدا گۇمانلىق بىر تېرورلۇق ھۇجۇمىدا ئۈچ ساقچى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يەرلىك مەمۇرىي ئەمەلدار، ھۇجۇمدىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئاختۇرۇش ۋە تارمار قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، توقۇنۇشتا بىر تېرورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە بىر ساقچىنىڭ بولسا يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
مەسئۇل خادىم رايوندىكى ھەرىكەتنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.
پاكىستاندا يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ خەيبەر پاختونخۋا ۋە بەلۇجىستاندا تېرورلۇق ھۇجۇملىرى كۆپەيمەكتە.