پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
3 مىنۇت ئوقۇش
تىل ۋە مۇھەببەت: چەمبەرچاس مۇناسىۋەت
شىمالىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ماكىس پىلانك ئىنسان تارىخى پەنلىرى ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچىلار، دۇنيا مىقياسىدا ھېسسىي ئۇقۇملارنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ساھەسىدە يېڭى بىر قورالنى قوللاندى.
00:00
تىل ۋە مۇھەببەت: چەمبەرچاس مۇناسىۋەت
تىل / Reuters
2025-يىلى3-ئاينىڭ7-كۈنى

ئىنگلىزچىدىكى «love» دېگەن سۆز تۈركچىدە «sevgi» ۋە ۋېنگرىيەچىدە «szerelem» دەپ تەرجىمە قىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئۇقۇم ئۈچ تىلدا سۆزلىگۈچىلەر ئۈچۈن ئوخشاش مەنىنى بىلدۈرەمدۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تەتقىقاتچىلار، مىليونلىغان سۆزلىگۈچىسى بار چوڭ تىللاردىن پەقەت بىر قانچە مىڭ سۆزلىگۈچىسى بار كىچىك تىللارغىچە بولغان 2500 گە يېقىن تىلدىن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈردى. بەزىدە ھېسسىياتنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر شۇنچىلىك ئۆزگىچە بولۇپ پەقەت مۇئەييەن بىر مەدەنىيەتكە خاستەك قىلىدۇ. مەسىلەن، گېرمانچىدىكى «Sehnsucht» سۆزى باشقا بىر ھاياتقا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئىنگلىزچىدە مۇناسىپ مەنىسى يوق. شۇنىڭغا ئوخشاش پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسىدىكى بائىن خەلقىنىڭ مېھمانلار كەتكەندىن كېيىن ئۆي ئىگىلىرى ھېس قىلىدىغان جىمجىتلىقنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان «awumbuk»  سۆزىنىڭمۇ باشقا تىلدا مۇناسىپ مەنىسى يوق.

دۇنيا تىللىرىدا ھەر خىل ھېسسىي ھالەتلەرگە نام بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇلارنى بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە قانچىلىك يېقىن ياكى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىشقا يېتەكلىگەن. تەتقىقاتچىلار بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، كۆپ مەنىلىك سۆزلەرنى ئىشلەتكەن.

مەسىلەن، ئىنگلىزچىدىكى «funny» سۆزى ھەم قىزىقارلىق ھەم غەلىتە مەنىسىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. رۇسچىدا «ruka» سۆزى ھەم قول ھەم بىلەك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ياپونچىدا «ki» ھەم دەرەخ ھەم ياغاچ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ، فىرانسۇزچىدا بولسا «femme» ھەم ئايال ھەم جۈپ دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

تەتقىقاتچىلار، كۆپ مەنىلىك ھېسسىيات ئۇقۇملىرىنىڭ ئومۇمىي تورىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە ئۇلارنى تىللار ۋە تىل ئائىلىلىرى ئارىسىدا سېلىشتۇردى. نەتىجىلەر، سۆزلەرنىڭ مەنىسى تەرجىمە لۇغەتلىرىدە باراۋەر دەپ قارالسىمۇ، ئىستېمالدا زور پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەسىلەن، ئاۋسترونېزىيە تىللىرىدا «ھەيران قېلىش» ئۇقۇمى «قورقۇش» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسا، جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي خىتايدىكى تەي-كاداي تىللىرىدا «ھەيران قېلىش» «ئۈمىد» ۋە «ئارزۇ» ئۇقۇملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. «تاسادىپىيلىق» ئۇقۇمى ھىندى-ياۋروپا تىللىرىدا «غەزەپ» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئاۋستروئاسىيا تىللىرىدا تېخىمۇ كۆپ «قايغۇ» ۋە «پۇشايمان» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، «پەخىرلىنىش» ئۇقۇمى مەدەنىيەتكە قاراپ ياكى ئىجابىي ياكى سەلبىي ھېسسىياتلار بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلدى.

 تۈپكى ھېسسىياتلارنىڭ بىيولوگىيەلىك ئاساسى

 «UNC-Chapel Hill» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە ۋە نېرۋا ئىلمى دوتسېنتى شۇنداقلا بۇ ماقالىنىڭ نۇقتىلىق  يازغۇچىسى كرىستېن لىندكۇست، «ھەر بىر تىل ئائىلىسى ھېسسىياتلارنى باشقا تىللارغا ئوخشاش ئىپادىلىمەيدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇھىم بايقاش» دېدى.

تەھلىل ئوخشاش ماسلاشتۇرۇشقا ئىگە تىل ئائىلىلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن بىر-بىرىگە يېقىن ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ خىلمۇخىللىقنىڭ سودا، بويسۇندۇرۇش ۋە كۆچۈش ئەندىزىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يەنە بەزى ئومۇميۈزلۈك بايقاشلارمۇ بار بولۇپ، بارلىق تىللار ھېسسىياتلارنى خۇشاللىق ياكى خۇشال بولمىغان كەچۈرمىشلەر ۋە تۆۋەن ياكى يۇقىرى قوزغىلىش دەرىجىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي ئۆلچەم بويىچە تۈرگە ئايرىدۇ.

ئەمما ئاز ساندىكى تىللار تۆۋەن قوزغىلىش ھېسسىياتى بولغان قايغۇنى، يۇقىرى قوزغىلىش ھېسسىياتى بولغان غەزەپ بىلەن ئوخشاش دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك، ئاز ساندىكى تىللار خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ھېسسىيات بولغان «شادلىق»نى، خۇشاللىقتىن خالىي بولغان ھېسسىيات «پۇشايمان» بىلەن بىر قاتاردا كۆرىدۇ.

بۇ خىل بايقاشلار بەزى ئاساسىي ھېسسىياتلارنىڭ ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ مېڭىسىگە بىيولوگىيەلىك جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى نەزەرىيەنى قوللايدۇ. ئىنسانلار مىڭلىغان يىللار داۋامىدا بۇ ئاساسىي ھېسسىياتلارغا يېڭى كەچۈرمىشلەرنى قوشۇپ، ئۇلارغا ئىسىم بەرگەن.

«UNC-Chapel Hill» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانتى ۋە ماقالىنىڭ باش ئاپتورى جوشۇا جاكسون: «ھېسسىياتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلما تاشلىرى مەۋجۇت، ئەمما ئىنسانلار بۇ قۇرۇلما تاشلىرىنى مەدەنىيەتلىرىمىز ئىچىدە مىڭلىغان يىللار جەريانىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن. بىزنىڭ ھېسسىياتلارغا ئىسىم قويۇش ۋە ئۇلارنى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىمىز بۇ جەرياننىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە ھېسسىياتلارنى ئىپادىلەشتىكى شۇنچە كۆپ خىلمۇخىللىقنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇ» دەيدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى
يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئامېرىكا بومبىسىنىڭ ئىراندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىنىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيە ئىران بىلەن كەم دېگەندە بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بىر ئۇرۇشقا تەييارلانماقتا
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: ئامېرىكا ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلدى
ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بارزانى بىلەن تېلېفوندا مۇھىم  سۆھبەت ئۆتكۈزدى
خاقان فىدان: «تۈركىيە ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيەنى كۈچەيتتى»
نېتانياھۇ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنى «پۈتۈن كۈچى» بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئىران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئامېرىكا بۇ دەۋالارنى رەت قىلدى
ئوسلودىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا پارتلاش يۈز بەردى
ترامپ ئىراننىڭ قوشنىلىرىغا «تەسلىم بولغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى، يېڭى ھۇجۇملار بىلەن تەھدىت سالدى
ئەردوغان: «ئىران تىنچلىق مۇساپىسىدىكى كېچىكىش يەر شارىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ»
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى